(2015) م ھ د 532-نومۇرلۇق 2016-03-24 16:29:47
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم
رايونى
مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2015) م ھ
د 532-نومۇرلۇق
دەۋاگەر: رۇقىيە ھېيىت
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى
جاۋابكار: مەمىتئىمىن ئاۋۇت
مەھكىمىمىز دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت بىلەن جاۋابكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت
ئوتتۇرسىدىكى «ئەل-ئارا پۇل قەرىز ماجراسى» دەۋا دېلوسىنى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن سوتچى ھەسەن تۇرەك قانۇن بۇيىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ
ئۇچۇق سوتتا رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. بۇ دېلودىكى دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت، جاۋابكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت سوتقا
كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت
ئەرزىدە « مەمىتئىمىن ئاۋۇت مىنىڭ كۈيئوغلۇم بۇلۇپ قىزىم بىلەن نۇرمال تۇرمۇش
كەچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قايتۇرۇش
شەرتى بىلەن مەندىن 332مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، دىيىشكەن قەرەلىدە پۇلنى
قايتۇرالمىسا مەكىت ناھىيە بازار جەمى يېزا سىيانچاڭ كەنتكە جايلاشقان مەندىن قەرز
ئېلىپ قۇرغان بىر باقمىچىلىق فىرمىسى بۇلۇپ قەرز پۇل ھىسابىغا مۇشۇ باقمىچىلىق فىرمىسى
ۋە فىرمىدىكى بارلىق مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ باقمىچىلىق فىرمىسىنىڭ كىنىشكە
رەسمىيەتلىرىنى ماڭا رەنىگە قويغان، جاۋاپكار ھازىر مارالبېشى تۇرمىسىدا جازا
ئۆتەۋاتىدۇ،جاۋاپكار بۇ پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرمىدى، شۇڭا سوتنىڭ جاۋاپكاردىن
332مىڭ يۈەننى تولۇق قايتۇرۇپ ئېلىپ بىرىشڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، ئەگەر جاۋاپكار بۇ
قەرز پۇلنى قايتۇرۇش شارائىتى بولمىسا 332مىڭ يۈەن قەرز پۇلغا جاۋاپكارنىڭ
نامىدىكى فىرمىنى پۇلغا ھىسابلاپ ئېلىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. » دەپ دەۋا قىلدى.
جاۋابكار
مەمىتئىمىن ئاۋۇت جاۋابىدا: « مىنىڭ رۇقىيە ھېيىتدىن قەرىز ئالغىنىم راست. بىراق مەن
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تاھىر ئۆمەر دىگەن دوستۇم بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىگە كەتكەن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ
28-كۈنى قايتىپ كەلدىم ، مەن بۇ ۋاقىتتا قەشقەردە ئەمەس،بۇ 132000يۈەننى مەن قەرىز
ئالمىدىم،2015-يىلى 1-ئاي مەزگىلىدە پۇل لازىم بۇلۇپ قېلىپ قەشقەرگە ئايالىم
نۇربىيە مەمەت بىلەن قېيىنئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئايالىم كارتىنى ئېلىپ چىقىپ
20مىڭ يۈەن ئالغان، مەكىتكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن ئايالىمغا قەرز ھۆججىتى
يېزىپ بەرگەن، 2014-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە قېيىن ئانامنىڭ ئىنسى مۇختەر ھېيىتتىن
20مىڭ يۈەن قەرز ئالغان ، مەن جەمى بۇلۇپ قېيىن ئانامدىن 62مىڭ يۈەن قەرز ئالغان،
بۇ پۇلدىن 20مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن قالدى پۇلنى تېخىغىچە بىرىپ بۇلالمىدىم،
مەن رۇقىيە ھېيىتقا بۇ قەرز پۇللارنى بىرىپ بۇلالمىسام باقمىچىلىق فىرمامنى بىرىمەن
دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرمىگەن، مەن تۈرمىگە كىرىپ قالغاچقا ئۇلار مىنىڭ باقمىچىلىق
ھەمكارلىق كوپراتىپىمنىڭ تامغىسىنى ئېلىۋېلىپ ئۆزى يالغان ھۆججەت ئويدۇرۇپتۇ »دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2014-يىلى11-ئاينىڭ 14-كۈنى جاۋاپكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتتىن 32مىڭ
يۈەن قەرىز ئېلىپ، بۇ 32000يۈەن قەرزنى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتۇرۇپ
بىرىمەن دەپ قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن، 2015-يىلى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋاپكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتتىن 200مىڭ يۈەن
قەرز ئېلىپ بۇ پۇلنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ10-كۈنى قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ 200مىڭ
يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن، جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇت ھەر ئىككىلى ھۆججەتنى
يازغاندا قەرز سوممىسىنىڭ خەتچىلاپ يېزىلىشىنى يازمىغان. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ
19-كۈنى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. جاۋاپكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت
يۇقارقى قەرىز 232مىڭ يۈەننى قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى توشقان بولسىمۇ قايتۇرمىغان قاتارلىق
پاكىتلار ئېنىقلاندى .
يۇقىرىقى پاكىتنى
بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1-يازما ئىسپات:
1)
دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت تەمىنلىگەن 2014-يىلى
11-ئاينىڭ 14-كۈندىكى قەرىز ھۆججىتى. بۇ 2014-يىلى
11-ئاينىڭ 14-كۈنى جاۋاپكار مەمتىئىمىن ئاۋۇتنىڭ دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتدىن 132مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قايتۇرۇپ
بىرىمەن دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىسپاتقا قارىتا جاۋابكار مەمتىئىمىن ئاۋۇت
بۇ ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق مەن قەرز ئالغان پۇل
132مىڭ يۈەن ئەمەس، قەرز ئالغان پۇلنىڭ سانىنى ئۆزگەرتىۋاپتۇ، ھەمدە بۇ ھۆججەتتىكى
بارماق ئىزىنى مەن باسمىغان، مەن 2014-يىلى 11-ئايدا قەشقەردە ئەمەس دەپ بۇ
ھۆججەتنى ئېتىراپ قىلمىدى.
2)
دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت تەمىنلىگەن
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى قەرىز
ھۆججىتى. بۇ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋاپكار مەمەتئىمىن ئاۋۇتنىڭ دەۋاگەر
رۇقىيە ھېيىتدىن 200مىڭ يۈەن قەرىز
ئېلىپ، 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ ھۆججەت يېزىپ
بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىسپاتقا
قارىتا جاۋابكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت بۇ ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بىراق مەن قەرز ئالغان پۇل 200مىڭ يۈەن ئەمەس، بەلكى 20مىڭ يۈەن قەرز ئالغان
پۇلنىڭ سانىنى ئۆزگەرتىۋاپتۇ، ھەمدە بۇ ھۆججەتتىكى بارماق ئىزىنى مەن باسمىغان دەپ
بۇ ھۆججەتنى ئېتىراپ قىلمىدى. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى پىكىرىگە قارىتا دەۋاگەر رۇقىيە
ھېيىتنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى مەمەت ياسىن بۇ ھۆججەتنى ئەدىلىيلىك باھالىتىشنى تەلەپ
قىلدى. مەھكىمىمىز دەۋاگەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن
شىنجاڭ جو دىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىدا مەزكۇر ئىككى پارچە ھۆججەتتىكى قەرز
سوممىسىدىكى ساننىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلۇقى ۋە بارماق ئىزىنىڭ مەمتىمىن
ئاۋۇتنىڭ بارماق ئىزى ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاتتى.
3)
دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىت تەمىنلىگەن باقمىچىلىق فىرمىسىنى رەنىگە قۇيۇش توغرىسىدىكى ھۆججەت. بۇ جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇتنىڭ رۇقىيە ھېيىتتىن
ئالغان 332000يۈەننى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقى،
ئەگەر قايتۇرۇپ بىرەلمىسە سىيانچاڭ كەنتتىكى باقمىچىلىق كوپراتىپىنى ئۇرۇن،
قۇرۇلۇش، ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كىنىشكە رەسمىيەتلىرى بىلەن قۇشۇپ رۇقىيە
ھېيىتقا ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىسپاتقا قارىتا جاۋاپكار مەمەتئىمىن
ئاۋۇت مەزكۇر ھۆججەتنى مەن يازمىغان بۇ كومپىيۇتىردا ئۇرۇلغان ئىكەن ، ھەمدە بۇ
ھۆججەتتە مىنىڭ ئىمزايىم يوق، مەن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن باقمىچىلىق
ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ تامغىسى نۇربىيە مەمەت(رۇقىيە ھېيىتنىڭ قىزى)نىڭ قۇلىدا
ئىدى. ئۇلار ھۆججەتنى ئۇرغۇزۇپ تامغىنى بېسىۋاپتۇ دەپ بۇ ھۆججەتنى ئېتىراپ
قىلمىدى.
2-باھالاش
يەكۈنى.
شىنجاڭ جو دېڭ ئەدلىيىلىك
باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 122-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسى،بۇ شىنجاڭ
جو دېڭ ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ 2014-يىلى
11-ئاينىڭ 14-كۈنى يېزىلغان ھۆججەتتىكى «132000» يۈەننىڭ بىرلەر خانىسىدىكى«0»
سىفىرى قۇشۇلغان ئەمەس، يۈز مىڭلەر خانىسىدىكى «1» سىفىرى قۇشۇلغان. 2015-يىلى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى يېزىلغان ھۆججەت «200000»يۈەننىڭ بىرلەر خانىسىدىكى «0» سىفىرى
قۇشۇلغان ئەمەس. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
يېزىلغان ئىككى پارچە ھۆججەتتىكى بارماق ئىزلىرى بىلەن مەمتىمىن ئاۋۇتنىڭ بارماق
ئىزى ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بىرلىك يوق دەپ باھالىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ
ئىسپاتقا قارىتا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولمىدى، شۇڭا
مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتتى.
يۇقارقى ئىسپاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا دەۋاگەر
رۇقىيە ھېيىت تەمىنلىگەن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى قەرىز ھۆججىتىنىڭ
ئىسپاتلاش كۈچىنى مەھكىمىمىز قىسمەن بىكىتىدۇ.
يەنى ھۆججەتتىكى قەرىز ئالغان پۇلنىڭ سوممىسىنى 32000يۈەن دەپ بىكىشكە
تىگىشلىك. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ھۆججەتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىگە قارىتا
جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇت باشقا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىدۇ. دەۋاگەر
تەمىنلىگەن قەرزگە باقمىچىلىق فىرمىسىنى رەنىگە قويۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە قارىتا
بۇ ھۆججەتكە جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇتنىڭ
ئىمزا قويمىغانلىقى، ھەمدە پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسىنىڭ قەرىز ئالغان پۇل سوممىسىغا
ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتمەيدۇ.
يۇقارقى دەلىل
ئىسپاتلار سوتتا يۈزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلدى، شۇڭا بۇ ئىسپاتلار
دىلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى.
مەھكىمىمىز
مۇنداق قارىدى: مەزكۇر دېلۇنىڭ خاراكىتىنى
«ئەل-ئارا پۇل قەرز ماجراسى» دەپ بىكتىىشكە تىگىشلىك. مەزكۇر دىلۇدىكى تەرەپلەر تالاش-تارتىش
قىلىدىغان مەركىزى نوقتا قەرز ئالغان پۇلنىڭ سوممىسى قانچىلىك؟ قەرز ھۆججىتىدىكى
سان-سىفىردا ئوزگىرىش بولغانمۇ يوق؟ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتنىڭ
جاۋابكار مەمىتئىمىن ئاۋۇتقا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بەرگەن قەرزىنى 32مىڭ
يۈەن دەپ بىكىتىشكە تىگىشلىك، چۈنكى مەزكۇر ھۆججەتكە قارىتا جاۋاپكار مەمتىمىن
ئاۋۇت بۇ ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ھۆججەتتىكى سان سىفىر
ئۆزگەرتىلگەن دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتنىىڭ تەلىپىگە
ئاساسەن باھالىتىلغان ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكىرىدە مەزكۇر ھۆججەتتنىڭ يۈز مىڭلەر خانىسىكى
«1»قوشۇلغان دەپ باھالىغان شۇڭا مەزكۇر ھۆججەتتىكى قەرىز بىرىپ تۇرغان پۇل
132000يۈەن بولماستىن بەلكى 32000يۈەن دەپ بىكىتىشكە تىگىشلىك. 2015-يىلى1-ئاينىڭ
23-كۈنىدىكى ھۆججەتتىكى قەرىز ئالغان پۇلنى 200000يۈەن دەپ بىكتىشكە تىگىشلىك، چۈنكى جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇت مەزكۇر ھۆججەتنى
ئۆزى يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئالغان قەرزىنىڭ 20000يۈەن ئىكەنلىكىنى،
ھۆججەتتىكى 20000دىگەن ساننىڭ كەينىگە بىر «0» سىفىرىنىڭ قۇشۇلغانلىقى ئوتتۇرغا
قويغان بولسىمۇ يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە
ئەدلىيىلىك باھالاشنامىدە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى يېزىلغان ھۆججەتتىكى
«200000» سىفىرىغا «0» قۇشۇلغان ئەمەس دەپ باھالىغان شۇڭا مەزكۇر ھۆججەتتىكى قەرز
سوممىسىنى 200000يۈەن دەپ بىكتىىشكە تىگىشلىك.شۇڭا دەۋاگەر رۇقىيە ھېيىتنىڭ قەرز
بىرىپ تۇرغان 332مىڭ يۈەن پۇلنى جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇتتىن ئېلىپ بىرىش ،
جاۋاپكارنىڭ پۇل قايتۇرۇش شارائىتى بولمىسا باقمىچىلىق كوپراتىپىنى 332مىڭ يۈەنگە
ھىساپلاپ بىرىش دەۋا تەلىپىنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان قىسىمى 232مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ
بىرىش توغرىسىدىكى دەۋا تەلىپىنى قوللاشقا تىگىشلىك، شۇڭا جاۋاپكار مەمتىمىن ئاۋۇت رۇقىيە ھېيىتتىن ئالغان
قەرز 232مىڭ يۈەننى رۇقىيە ھېيىتقا تۆلەپ قايتۇرۇشقا تىگىشلىك، باھالىتىش ھەققى
8000يۈەننىڭ 4000يۈەننى رۇقىيە ھېيىت، قالدى 4000يۈەننى مەمەتئىمىن ئاۋۇت ئۈستىگە
ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ
84-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نىڭ 206-ماددىسىدىكى
بەلگىلىملەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.
1. مەمىتئىمىن ئاۋۇت رۇقىيە ھېيىتدىن ئالغان قەرىز232مىڭ يۈەننى
ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي مۆھلەت ئىچىدە رۇقىيە ھېيىتقا تۆلەپ قايتۇرسۇن.
2. باھالىتىش ھەققى
8000يۈەننىڭ 4000يۈەننى رۇقىيە ئۆزى ئۈستىگە ئالسۇن، قالدى 4000يۈەننى مەمتىمىن
ئاۋۇت ئۈستىگە ئېلىپ رۇقىيە ھېيىتقا تۆلەپ قايتۇرسۇن.
2.دېلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 6280يۈەننىىڭ
كېمەيتىلگەن قىسىمى 3140يۈەننىڭ 2100يۈەننى جاۋاپكار مەمىتئىمىن ئاۋۇت ئۇستىگە
ئالىدۇ، قالدى 1040يۈەننى دەۋاگەر رۇقىيە
ھېيىت ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئەگەر جاۋابكار ھۆكۈمدە
بېكىتىلگەن پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ
253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى
قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىشى كېرەك.
يۇقىرىقى ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ
ئەتىسىدىن باشلاپ 15كۈن مۇددەت ئىچىدە نارازىلىق ئەرىزدىن بىر نۇسخا ،
كۆپەيتىلمىسىدىن ئىككى نۇسخا تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايەتلىك
ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ.
سوتچى : ھەسەن تۇرەك
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
پۈتۈكچى : نۇرئەخمەت مۇختەر
|