(2015) م ھ د 559-نومۇرلۇق 2016-03-24 16:31:40
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
مەكىت ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى
(2015) م ھ د 559-نومۇرلۇق
دەۋاگەر شىن تۇڭ بىناكارلىق
قۇرۇلۇش قوراشتۇرۇش چەكلىك شركىتى.
قانۇنى ۋەكىلى لو شۇۋ
شىن،مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرىكتۇرى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى لى شياۋ لۇڭ.
جاۋاپكار ئۈرۈمچى باڭ دېلى
ئۆي زىمىن تەرەققىيات چەكلىك شركىتى.
قانۇنى ۋەكىلى مەمەتئېلى
قادىر،مەزكۇر شركەتنىڭ مۇدىرى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى جاڭ بىڭ،شىنجاڭ دىڭ زىي كەي ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.
مەھكىمىمىز
دەۋاگەر شىنجاڭ شىن تۇڭ بىناكارلىق قۇراشتۇرۇش قۇرلۇش چەكىلىك شركىتى بىلەن جاۋاپكار
ئۈرۈمچى باڭ دېلى ئۆي زىمىن تەرەققىيات چەكلىك شركىتى ئوتتۇرسىدىكى «قۇرۇلۇش قىلىش توختام ماجراسى» دەۋا دىلوسىنى
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قانۇن
بويىچە كىڭەشمە سوت تەشكىل قىلىپ بۇ دىلونى ئۈچۈق سوتتا رەسمى سوت قىلغان
بولۇپ،سوتتىن كىيىن ھۆكۈم چىقارغۇچە بولغان ئارلىقتا شىنجاڭ شىن تۇڭ بىناكارلىق
قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزگە
دەۋادىن ۋاز كىچىشنى ئىلتىماس قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق
قارىدى:دەۋاگەر شىنجاڭ شىن تۇڭ قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك شركىتىنىڭ دەۋادىن ۋاز
كىچىشنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى قانۇنغا ئۇيغۇن، قوللاشقا بولىدۇ،دەۋادىن ۋاز
كىچىشكە رۇخسەت قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ:«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ
دەۋا قانۇنى»نىڭ 145-ماددا،154-ماددا 5-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن
تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى.
1-دەۋاگەر شىن تۇڭ
بىناكارلىق قۇرۇلۇش قوراشتۇرۇش چەكلىك شركىتىنىڭ دەۋادىن ۋاز كىچىشىگە يول
قويۇلدى.
بۇ دىلونىڭ دىلو قوبۇل
قىلىش ھەققى 22800يۈەننىڭ كىمەيتىلگەن قىسىمى 11400يۈەننى دەۋاگەر ئۆزى ئۈستىگە
ئالدى.
باش سوتچى: بۇخەلچەم ئابدىۋىلى
سوتچى:بۇخەلچەم ھۈسۈپ
خەلق زاسىداتىلى: ۋاڭ خې شىڭ
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
پۈتۈكچى : نۇرئامىنە تۇرسۇن
|