添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) م ھ د 743-نومۇرلۇق

2016-03-24 16:33:01


 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

    مەكىت ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

   ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                   (2015) م ھ د 743-نومۇرلۇق

دەۋاگەر تۇرسۇن ھۇسىيىن.

دەۋاگەر ئانىخان قەمبەر .

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئىسرائىل ئەمەت،شىنجاڭ نادىر ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.

جاۋاپكار مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى.ئادىرىسى مەكىت ناھىيە مەدەنىيەت يولى XX-نۇمۇرلۇق قورۇ.

قانۇنى ۋەكلى جۇ جىيەن خۇي،مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ۋاڭ خې چىڭ.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى تاڭ جى گو،شىنجاڭ چىڭ دەن ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن،ئانىخان قەمبەرلەر بىلەن جاۋاپكار مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئوتتۇرسىدىكى «داۋالاش زىيان تۆلىمى » دەۋا دىلوسىنى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ4-كۈنى قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىين،ئانىخان قەمبەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق دەۋا ۋاكالەتچىسى ئىسرائىل ئەمەت،جاۋاپكار مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ۋاڭ خې چىڭ، تاڭ جى گو قاتارلىقلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن،ئانىخان قەمبەرلەر ئەرزى ۋە سوتتا : «جاۋاپكار ئورۇندىن داۋالاش سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن قىزىمىز ئائىشە تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ،دەپىنە ھەققى، روھى زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 178146يۈەن تۆلىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.دەۋا ھەققى ۋە باشقا چىقىملارنى جاۋاپكار ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.دەۋا قىلىشتىكى پاكىت ۋە ئاساسىمىز:قىزىمىز ئائىشە 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ساق-سالامەت تۇغۇلدى،ئارىدىن 8كۈن ئۆتكەندە كىندىك ئەتراپى قىزىرىپ شەلۋىرەپ قالغاچقا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 11:00ئەتراپىدا ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا كۆرسەتكىلى ئەكەلدۇق،مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،كىندىك بەك ئۇزۇن كىسىلىپ قاپتۇ دەپ يۈزەكى دىئاگۇنۇز قويۇپ 20يۈەن پۇل ئېلىپ،بالىنىڭ كىندىكىنى قايتا كەستى،بىراق كەسكەن ئورۇندىن قان چىقىپ كىتىپ توختىتالماي نەتىجىدە قان چىقىۋاتقان ھالەتتە قەشقەرگە ئاپىرىڭلار دىدى،بىز بالىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپارساق كىندىك ئەجەللىك يېرىدىن كىسىلىپ كىتىپتۇ،قان چىقىۋاتقان ئورنىنى تىكسەك ئۆلۈپ قالىدۇ،نەدە كەسكەن بولسا شۇ يەرگە ئاپىرىڭلار دەپ قايتۇرىۋەتتى،بىز يەنە ئامالسىز بالىنى چۈشتىن كىيىن 21:00لەر ئەتراپىدا مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدۇق،دوختۇرلار قان چىقىۋاتقان ئورۇننى تىككەندىن كىيىن بالا قان ياندۇرۇپ ئۆلۈپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق،ھادىسىدىن كىيىن مەن مەكىت ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى،قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى ئۈستىدىن داۋالاش ھادىسىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم،2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئېلىم جەمئىيىتى باھالاشقا كىتەرلىك ماتىرىيال تولۇق ئەمەس دەپ تېخنىكىلىق باھالاشنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئالاقە چىقىرىپ بەردى،ھەمدە داۋالاش زىيان تۆلىمى دەۋاسى قىلىشنى ئۇقتۇردى، قىسقىسى دوختۇرخانا بىرىنجىدىن كىسەل تارىخىنى تولۇق يازماي مەسىلىنىڭ ئەينەن بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى،ئىككىنجىدىن تېخنىكىسى يەتمەيدىغان داۋالاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،بالىمىزنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولدى،بىز ئەر-ئايالنىڭ تۇنجى بالىمىز بولۇپ،بىزنىڭ يېشىمىز ھازىر 40ياشتىن ئېشىپ كەتتى،بۇنىڭدىن كىيىن بالىلىق بولىشىمىز قىيىنغا توختايدۇ،شۇڭلاشقا سوت مەھكىمىسى دوختۇرخانىنىڭ سەۋەنلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ،بىزنىڭ تۈرلۈك تۆلەملىرىمىز ئۈچۈن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 174840يۈەن،دەپىنە خىراجىتى 27203يۈەن،روھى زىيان تۆلىمى 52452يۈەن جەمئى 254495يۈەننىڭ %70تى 178146يۈەننى تۆلىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز » دەپ دەۋا قىلدى .

جاۋاپكار مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى دەۋاگەرنىڭ ئەرزىگە بەرگەن جاۋابىدا : « بىز دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىمىز،بۇنداق دىيشىتىكى پاكىت ۋە ئاساسىمىز1-دىن دەۋاگەرنىڭ بالىسى دوختۇرخانىدا تۇغۇلمىغان بولۇپ،ئۆيدە تۇغۇلغان،2-دىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان،تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن،بالىنىڭ كىندىكىنى ئۆزى ئۆيدە كەسكەن بولۇپ،بالىنىڭ كىندىكى ئىششىپ يۇقۇملىنىپ قالغاندا ئاندىن مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن،ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن دوختۇرخانىمىز مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ،بىزنىڭ داۋالىشىمىز خاتا ئەمەس،3-دىن ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغان،بالىنى مەكىت ۋە قەشقەر ئارىسىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكىلىپ داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن،4-دىن بىمار ئىككىنجى قېتىم دوختۇرخانىغا كىرگەندە ھېچقانداق پۇل تاپشۇرمىغان بولسىمۇ،بىراق دوختۇرخانىمىز ئەخلاق نوقتىسىدىن جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانغان،بىمارنىڭ كىسىلى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلۈپ كەتكەن،بالىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى بىلەن دوختۇرخانىمىزنىڭ داۋالىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق،شۇڭلاشقا دوختۇرخانىمىز ھېچقانداق تۆلەم مەسئۇلىيتىنى ئۈستىمزىگە ئالمايمىز،ھەمدە دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىمىز » دەپ جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيننىڭ ئايالى  ئانىخان قەمبەر 2014-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 1:00ئەر ئەتىراپىدا ئۆيىدە خوشنىسى ئاي XX نىڭ ياردىمىدە قىزى ئائىشەنى تۇغقان،بالا تۇغۇلۇپ 8كۈندىن كىيىن يەنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى دەۋاگەرنىڭ قىزىنىڭ كىندىكى قىزىرىپ قالغاندىن كىيىن ئەتتىگەن سائەت 10:00لار ئەتراپىدا بالىسىنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە ئاپارغان،تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بالىنىڭ كىندىكى بەك ئۇزۇن كىسىلىپ قاپتۇ دەپ 15سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كىندىكىنى كىسىپ 2سانتىمىتىر ئەتراپىدا قويغاندىن كىيىن بالىنىڭ كىندىكىدىن قان چىقىپ قان توختىمىغان،شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت بۆلىمىدىكى دوختۇرلار بالىنى قەشقەرگە بۇيرىغان،تۇرسۇن ھۈسىيىن بالىسىنى قەشقەر 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپارغاندىن كىيىن بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار بالىنى نەدە داۋالاتقان بولساڭلار شۇ يەرگە ئاپىرىڭلار دەپ قايتۇرىۋەتكەن،تۇرسۇن ھۈسىيىن يەنە بالىسىنى ئېلىپ قايتۇرۇپ كىلىپ مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەكەلگەندىن كىيىن بالىنى بالىلار بۆلۈمىگە بۇيرۇغان،بالىلار بۆلۈمىدە داۋالاتقان ۋاقىتتا يەنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 00:30ئەتراپىدا بالىغا قان سېلىشنى ئۇقتۇرۈش قىلغاندىن كىيىن شۇ ئارىدا بالا قازا قىلىپ كەتكەن،تۇرسۇن ھۈسىيىن تاڭ ئاتقاندا بالىسىنى يەرلىكىدە قويغان،ھەمدە قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئىلىم جەمئىيىتىگە داۋالاش ھادىسىسى شەكىللىنىدىغان شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى باھالاپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغاندىن كىيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئىلىم جەمئىيتى باھالاشقا كىتەرلىك ماتىرىيال تولۇق ئەمەس دەپ قوبۇل قىلماسلىق ئالاقىسى چىقىرىپ بەرگەن،ئۇندىن كىيىن دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن مەھكىمىمىزگە داۋالاش زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى دەۋاسى قىلغان،سوتتىن كىيىن دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى ئوتتۇرسىدا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى باھالىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مەھكىمىمىز قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىغا باھالاپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مەزكۇر باھالاش ئورنى [2015] 626-نۇمۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاشنامىسى چىقىرىپ دوختۇرخانا ئائىشە تۇرسۇننى داۋالاش جەريانىدا سەۋەنلىك سادىر قىلغان،سەۋەنلىك دەرىجىسى %50دەپ بىكىتكەن،باھالاشنامە چىقىرىلغاندىن كىيىن مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بۇ باھالاشنامىگە بىز تەمىنلىگەن ماتىرىيال كەم بولۇپ قاپتۇ دەپ قايتىدىن باھالىتىشنى ھاۋالە قىلغاندىن كىيىن،مەھكىمىمىز ئىككىنجى قېتىم يەنە تەرەپلەرنىڭ تاللىشى بويىچە شىنجاڭ خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىغا قايتىدىن باھالاپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغاندىن كىيىن مەزكۇر باھالاش ئورنى [2015] 1131-نۇمۇرلۇق باھالاشنامە چىقىرىپ،مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئائىشە تۇرسۇننى داۋالاش جەريانىدا،بالنىسىت خاتىرىسىى ئىنچىكە بولماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ،بۇ قېتىمقى ئېغىر ئاقىۋەت بىلەن داۋالاش ھەرىكىتى ئوتتۇرسىدا كىرتىك شەكىللىك سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى بار،دوختۇرخانا تەرەپ سەۋەنلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك،سەۋەنلىك دەرىجىسى %50دەپ باھالاشنامە چىقارغان قاتارلىق پاكىتلار ئېنىقلاندى.

يۇقارىقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار:

1ـ يازما ئىسپات.

1)مەكىت ناھىيە XX يېزا XX كەنىت كومىتىتى ۋە XX يېزىلىق ئەدىلىيە ئورنىنىڭ ئىسپاتى.

بۇ ئىسپات 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىننىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى دوختۇرخانىدا قازا قىلغاندىن كىيىن XX يېزا XX كەنىت XX - مەھەللىدىكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە يەرلىكىدە قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ئىسپاتقا قارىتا دوختۇرخانا تەرەپ ئىتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ھەمدە بالىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.بىراق مەھكىمىمىز دوختۇرخانا تەمىنلىگەن باشقا ئىسپاتتىمۇ دەۋاگەرنىڭ بالىسىنىڭ ھەقىقەتەن دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلانغان بولغاچقا مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بىكىتىدۇ.

2) مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چىقارغان تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ داۋالاش جەريانى.

بۇ ئىسپات دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن ۋە ئانىخان قەمبەرلەرنىڭ قىزىنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا داۋالاتقىلى ئېلىپ كەلگەندە تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇر بالىنىڭ كىندىكىنى 2سانتىمىتىر قويۇپ كىسىۋەتكەنلىكىنى،ھەمدە كىندىكتىن قان چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ئىسپاتقا قارىتا دوختۇرخانا تەرەپ ئىتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىراق ئىسپاتلاش نىشانىدا مەسىلە بارلىقىنى يەنى بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن كىندىك ئوقى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى،بىراق بۇ پىكىرىگە قارىتا ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىدى،شۇڭلاشقا مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بىكىتىدۇ.

3)مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ داۋالاش لايىھىسى.

بۇ ئىسپاتتا دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن ئانىخان قەمبەرلەرنىڭ قىزى ئائىشەنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كىچىدە يەنى 0:30لار ئەتراپىدا تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن بالىلار بۆلۈمىگە ياتاققا ئالغانلىقىنى بالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ئىسپاتنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن بولۇپ،دوختۇرخانا بۇ ئىسپاتنى ئىتىراپ قىلدى،بىراق ئىسپاتلاش نىشانىنى ئىتىراپ قىلماي بالىنىڭ ئۆزىنىڭ كىسىلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى،مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بىكىتىدۇ.

4)مەكىت ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ كوللىكىتىپ دىئاگۇنۇز قويۇش خاتىرىسى.

بۇ ئىسپاتتا تۇرسۇن ھۈسىيىننىڭ قىزى ئائىشە تۇرسۇننى ئەتتىگەندە تۇغۇت بۆلۈمىگە ئەكەلگەندىن كىيىن تۇغۇت بۆلۈمىدىكلەر بۇ بىمارنىڭ كىندىكىنى داۋالىغاندىن كىيىن كىندىكىدىن قان توختىمىغانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئائىلىسى بىمارنى قەشقەرگە ئاپىرىپ23:30ئەتراپىدا يەنە ئەكەلگەنلىكىنى،قان بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا كىندىك ئەتراپىنى بوغۇپ قاننى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ئىسپاتنىمۇ دوختۇرخانا تەمىنلىگەن بولۇپ،بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى مەھكىمىمىز بىكىتىدۇ.

5)قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئىلىم جەمئىيىتى داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش ئىشخانىسىنىڭ قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى.

بۇ ئىسپات دەۋاگەر قىزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشتىكى ئاقىۋىتىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئىلىم جەمئىيىتىگە داۋالاش ھادىسىسى شەكىللىنىدىغان شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى باھالاپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مەزكۇر ئىشخانا بىمارنىڭ كىسەل تارىخى يوق،باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال تولۇق ئەمەس دەپ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

دوختۇرخانا بۇ ئىسپاتقا باشقا پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى،مەھكىمىمىز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بىكىتىدۇ.

6)مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كىلىنكىلىق تەكشۈرتۈش ئىلتىماسى 3پارچە،ھەق تۆلەش ئىسپاتى بىر پارچە،مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى بىر پارچە.

بۇ ئىسپات بىمارنىڭ شۇ دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2-باھالاش پىكىرى؛

1)قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكىرى.

بۇ باھالاش پىكىرى دوختۇرخانا تەرەپ بىمارنى داۋالاش جەريانىدا سەۋەنلىك سادىر قىلغانلىقىنى،سەۋەنلىك دەرىجىسى %50ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2)شىنجاڭ خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرى.

بۇ باھالاش پىكىرىدىمۇ بىمارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى،دوختۇرخانىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسى %50ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

دوختۇرخانا تەرەپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باھالاش پىكىرىگە قارىتا ئىتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى،قايتا باھالىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى،قايتا باھالاتقاندىن كىيىنكى يەنى شىنجاڭ خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىىگە قارىتا باھالاش تەرتىپىگە دوختۇرخانىنى قاتناشتۇرمىغانلىقىنى،تەرتىپتە خاتالىق بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى،بىراق دوختۇرخانا تەرەپ باھالىتىشتىن بۇرۇن خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىغا ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلغان بولغاچقا مەھكىمىمىز كىيىنىكى باھالاشنامە يەنى شىنجاڭ خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىنى ئىتىراپ قىلىپ بىكىتىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:پۇخرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر،باشقىلارنىڭ تىنىنى زەخمىلەندۈرۈگەنلەر داۋالىنىش چىقىمى ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك،ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك، بۇ دىلودىكى تالاش تارتىشنىڭ مەركىزى نوقتىسى بولسا دىلونىڭ خاراكتىرىنى داۋالاش زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى دەپ بىكىتىشكە بولامدۇ-يوق؟ دەۋاگەرلەر قىزىنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىش جەريانىدا قازا قىلغان بولۇپ،دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن بىمارنىڭ قازا قىلىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى بارمۇ- يوق؟دوختۇرخانىدا سەۋەنلىك بارمۇ-يوق؟سەۋەنلىكنىڭ دائىرىسىنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدىكى تۆلەم سوممىسىنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟دىگەن مەسىلە بولۇپ،دەۋاگەرنىڭ بالىسى دوختۇرخانىدا داۋالىتىش جەريانىدا قازا قىلىپ كەتكەن بولۇپ،دەۋاگەر داۋالاش ھادىسىسى بويىچە بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك تىببى ئىلىم جەمئىيىتى داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش ئىشخانىسى ماتىرىيال تولۇق ئەمەس دەپ قوبۇل قىلمىغان بولغاچقا دەۋاگەر داۋالاش زىيان تۆلىمى جاۋاپكارلىقى بويىچە دەۋا قىلغان،شۇڭلاشقا دىلونىڭ خاراكىتىرىنى داۋالاش زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ،تەرەپلەرنىڭ سەۋەنلىك مەسىلىسى جەھەتتە دەۋاگەر قىزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار بالىنى تولۇق تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا كىندىكىنى كەسكەن،گەرچە دوختۇرلار بالىنىڭ كىندىكى بۇرۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىشتىن بۇرۇنلا زەخمىلەنگەن،كىندىك ئوقى ئاجراپ كەتكەن دىگەن بولسىمۇ بىراق بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات ۋە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتى بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى.دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن ۋە ئانىخان قەمبەرلەرمۇ بالىنى دەسلەپتە تۇغقاندا دوختۇرخانىدا تۇغماي ئۆيدە تۇغقان،ھەم بالىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ۋە پەرۋىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن،شۇڭلاشقا دەۋاگەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە سەۋەنلىك ساقلانغان.ئۇندىن باشقا شىنجاڭ خېڭ چىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسىدە دوختۇرخانىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسىنى%50بويىچە بىكىتكەن،شۇڭلاشقا دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى %50،دەۋاگەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى %50بويىچە بىكىتىشكە بولىدۇ.

   دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدىكى تۆلەمنى بىكىتىش مەسىلىسىدە دەۋاگەر يېزا ئاھالىسى بولغاچقا ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال كىرىمى 8742يۈەندىن 20يىلىغا 174840يۈەن،دەپىنە ھەققىنى 27203يۈەن،روھى زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 10000يۈەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باھالاش ھەققى 5300يۈەننىمۇ بىكىتىشكە بولىدۇ،دىمەك دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدىكى ئومۇمى داۋالاش زىيان تۆلىمى 217343يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ.

بۇ تۆلەمدىن دەۋاگەر تەڭ مەسئۇلىيەتنى جاۋاپكار مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ:«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 106-ماددا،119-ماددا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»نىڭ3-ماددا، 6-ماددا، 16-ماددا، 18-ماددا، 22-ماددا، 25-ماددا، 54-ماددا،«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا،17-ماددا 3-تارماق، 27-ماددا، 29-ماددا،«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى روھى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى بېكىتىشكە دائىر بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 8-ماددا 2-تارماق،10-ماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1-مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن ۋە ئانىخان قەمبەرلەرنىڭ داۋالاش زىيان تۆلىمى ئۈچۈن 108671.5يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ،ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر ئاي مۆھلەت ئىچىدە دەۋاگەرلەرگە تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

بۇ دىلونىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 3862.92يۈەننىڭ كىمەيتىلگەن قىسمى 1931.46يۈەن(دەۋاگەر ئالدىن تاپشۇرغان)دىن 668.36يۈەننى مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى،1263.13يۈەننى دەۋاگەر تۇرسۇن ھۈسىيىن،ئانىخان قەمبەرلەر ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەگەردە جاۋابكار ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىشى كېرەك.

ئەگەر تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز ۋە كۆچۈرۈلىمىسىنى قارىشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە تاپشۇرۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ.

سوتچى: بۇخەلچەم ئابدىۋىلى

             

  2015–يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنى

پۈتۈكچى:ئايگۇل ئابدۇرۇسۇل

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆麦盖提县法院网
关闭窗口
地址:   邮编:  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2