添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 党建工作 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3127 ھ د 7-نۇمۇرلۇق

2016-03-24 16:35:52


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3127 ھ د 7-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەت.

قانۇنى ۋەسىيىسى مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى مەرىگۇل توختى،شىنجاڭ ئەن شىيى ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.

جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئبىراھىم مەمەت جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ئوتتۇرسىدىكى «موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يول قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ماجراسى»دەۋا دىلوسىنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ ئۇچۇق سوتتا رەسمى سوت قىلىپ قاراپ چىقتى،دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەت ۋە قانۇنى ۋەسىيىسى مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ۋە ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى مەرىگۇل توختى جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت  قاتارلىقلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى.ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەت ئەرىزىدە: « 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 19:20ئەتراپىدا مەن دادام مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىمنىڭ xxxx نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلتىنىڭ كۇزۇپىقا چىقىپ مەكىت ناھىيە 1-يېزا ئوۋكا كەنىت 1-گۇرۇپپا ماي يول بۆلىكىدە غەرىپىتىن شەرىققە قاراپ كىتىۋاتقاندا قارىشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ھەيدىگەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كىتىپ مەن ۋە ئانام ئايگۇل سادىق زەخمىلەندى،ۋەقەدىن كىيىن قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ دادام مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى،جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئىبراھىم مەمەتتە مەسئۇلىيەت يوق دەپ بىكىتتى،مەن زەخمىلەنگەندىن كىيىن مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاندىم، دادام مىنى داۋالىتىش جەريانىدا نۇرغۇن قەرز بولۇپ كەتتى،داۋالانغاندىن كىيىن يەنە ياخشى بولالماي قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىغا زەخمەمنىڭ مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالاپ بىكىتىشكە ھاۋالە قىلسام،مەزكۇر باھالاش ئورنى مىنىڭ زەخمەمدىن 10-دەرىجىلىك مېيىپلىق شەكىللىنىدۇ،كىينىكى داۋالىنىش چىقىمىغا 8000يۈەن كىتىدۇ،پەرۋىش ۋاقتى 90كۈن،قاراش ۋاقتى 90كۈن دەپ باھالاش يەكۈنى چىقىرىپ بەردى،جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت مىنىڭ داۋالىنىشىم ئۈچۈن پەقەتلا پۇل بەرمىدى،شۇڭلاشقا مەن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، مىنىڭ دەۋا تەلىۋىم جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇتتىن داۋالىنىش چىقىمى 21938.42يۈەن،كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى 8000يۈەن،بالىنىستا ياتقان تاماق ياردەم پۇلى ھەر كۈنىگە 25يۈەندىن 20كۈنلۈكى 500يۈەن،زۆرۈر ئوزۇقلىنىش ھەققى ھەر كۈنلۈكى 30يۈەندىن 90كۈنگە 2700يۈەن ، باققۇچىنىڭ قاراش ھەققى 100يۈەندىن 90كۈنگە 9000يۈەن،10 -دەرىجىلىك مېيىپلىق تۆلەم پۇلى 17481يۈەن،ماترىيال كۆپەيتىش ھەققى 100يۈەن بولۇپ،جەمئى 59722.42يۈەندىن ئالدى بىلەن جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت موتوسىكىلىتىنى مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدە 36984يۈەننى بىۋاستە تۆلەپ بەرسە،قالغان 22738يۈەندىن قوشۇمچە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە%40تى 9095يۈەننى تۆلەپ بەرسە،دەۋا ھەققى ۋە باشقا چىقىملارنى جاۋاپكار ئۈستىگە ئالسا،ئومۇمى دەۋا تەلىۋىم 46097يۈەن تۆلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن »دەپ دەۋا قىلدى.

جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ئەرزىگە بەرگەن جاۋابىدا:« مەن ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولۇپ كىلىۋاتقان ئىدىم،بۇ پۇلغا قاراپ ئولتۇرماي ئىشلەپ پۇل تاپاي دەپ ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتنى نىسىگە ئېلىپ كىراكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، كىۋەز تەرگەن كىشىلەرنى كىرا قىلىپ ئېلىپ كىلىۋاتسام جاۋاپكار مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم مىنىڭ ئالدى تەرىپىمدىن يول ئىگەللەپ كىلىپ سوقۇشۇپ كەتتۇق،قالدىسىنى سوتنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن،مەن %30مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن،%40بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن »دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 19:20ئەتراپىدا جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش پىراۋىسى يوق تۇرۇقلۇق نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقىلىق موتۇسىكىلىتىغا تۇرسۇنگۇل مەمەت،رابىگۇل مەمەت،مەريەمگۇل ئېلى،مەريەمگۇل تۇرسۇن،شىرىنئاي ئابلىخەت قاتارلىقلارنى چىقىرىپ 1-يېزا ئوۋكا كەنىت ماي يول بۆلىكىدە شەرىقىتىن غەرىپكە قاراپ كىتىۋاتقاندا، مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم كۇزۇپىغا ئايالى ئايگۇل سادىق،ئوغىلى ئىبراھىم مەمەتنى چىقىرىپ ھەيدەپ ماڭغان522 A6新Qنۇمۇرلۇق ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن،نەتىجىدە ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ھەيدىگەن ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتتا ئولتۇرغان تۇرسۇنگۇل مەمەت،رابىگۇل مەمەت،مەريەمگۇل ئېلى، مەريەمگۇل تۇرسۇن،شىرىنئاي ئابلىخەت قاتارلىقلار زەخمىلەنگەن،مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ھەيدىگەن ئۈچ چاقىلىق موتوسىكلىتتا ئولتۇرغان مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىمنىڭ ئوغلى ئىبرايىم مەمەت زەخمىلەنگەن،مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى(2014) 111-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئوبۇلقاسىم مەخمۇت قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان.ئبىراھىم مەمەتنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بىلەك سۆڭەك،يان پاقالچەك سۆڭەك سۇنۇپ كەتكەن،يۇقىرىقى كالپۇك يېرىلغان،بۇرۇن سۆڭەك سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ،مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە جەمئى 13كۈن داۋالىنىپ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 19299.83يۈەن چىقىم قىلغان،قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنى دەۋاگەر ئبىراھىم مەمەتنىڭ زەخمىسىدىن 10-دەرىجىلىك مېيىپلىق شەكىللىنىدۇ، كىيىنكى داۋالىنىشى ئۈچۈن 8000يۈەن كىتىدۇ، ئوزۇقلىنىش ۋاقتى 90كۈن،قاراش ۋاقتى 90كۈن دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان،ماتىرىيال كۆپەيتىش ئۈچۈن 100يۈەن چىقىم قىلغان،دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەت يېزا نۇپۇسى بولۇپ،بۇ يىل 17ياشقا كىرگەن قاتارلىق پاكىتلار ئېنقلاندى.

يۇقارىقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار؛

1-يازما ئىسپات:

1)دەۋاگەرتەمىنلىگەن مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ(2014) 111-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسى.

بۇ ئىسپات مەزكۇر قاتناش ھادىسىسىدە دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتتە مەسئۇلىيەت يوقىلىقى،جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى، دەۋاگەرنىڭ دادىسى مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2)مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانسىنىڭ داۋالىنىش چىقىم تالۇنى بىر پارچە.

بۇ دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 19299.83يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) مەكىت ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتى،كىسەل تارىخى ئىسپاتى.

بۇ دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بىلەك سۆڭەك،يان پاقالچەك سۆڭەك سۇنۇپ كەتكەن،يۇقىرىقى كالپۇك يېرىلغان،بۇرۇن سۆڭەك سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى،يۇقىرى كالپۇكنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى،بۇرۇن سۆڭەڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4)دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى .

بۇ دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ يېزا نۇپۇسى ئىكەنلىكىنى،ھەمدە تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

2-باھالاش پىكىرى:

قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاشنامىسى.

بۇ دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەت بەدىنىنىڭ كۆپ قېسىم جايىلىرىنىڭ زەخمىلەنگەن زەخمىسىدىن 10-دەرىجىلىك مېيىپلىق شەكىللىنىدىغانلىقىنى، ئوزۇقلىنىش ۋاقتى 90كۈن،پەرۋىش ۋاقتى 90كۈن،كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى 8000يۈەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارىقى دەۋاگەر تاپشۇرغان دەلىل-ئسىپاتلارغا قارىتا جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت باشقا پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى،مەھكىمىمىز يۇقارىقى ئىسپاتلارنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بىكىتىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:سوتتا ئېنىقلانغان پاكىت ۋە كۆرسىتىلگەن دەلىل-ئسىپاتلاردىن قارىغاندا بۇ دىلودىكى تالاش-تارتىشنىڭ مەركىزى نوختىسىنى تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،بىرى دەۋاگەر تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسىنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟ئىككىنجىسى بۇ دىلودىكى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى قانداق بىكىتىمىز؟ دىگەن مەسىلە بولۇپ،بۇ دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ دىلو خاراكتىرىنى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يول قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ماجرا دىلوسى دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ،پۇخرالارنىڭ تىنىنى زەخمىلەندۈرگەنلەر داۋالىنىش پۇلىنى،ئىشتىن قېلىپ كىېمىيىپ كەتكەن كىرىمىنى،مېيىپ بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى تۆلىشى كىرەك؛ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلار ئۆلگۈچىنىڭ دەپىنە ھەققى،ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى بىرىشى كىرەك.شۇڭلاشقا دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى يوللۇق،قوللاشقا بولىدۇ.

دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىدىكى تۆلەمنى بىكىتىشكە تالۇن ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسى بولغان تۆۋەندىكى چىقىملىرىنى بىكىتىشكە بولىدۇ،يەنى دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ داۋالىنىش چىقىمى 19299.83يۈەننىڭ ئاساسى تولۇق بولغاچقا بىكىتىشكە بولىدۇ.

دەۋاگەر 13كۈن بالىنىستتا ياتقان بولۇپ،كۈنلۈك بالىنىستتا ياتقان ۋاقىتتىكى تاماق ياردەم پۇلى ھەر بىر كۈنگە 25يۈەندىن 325يۈەن،90كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش ھەققى ھەر بىر كۈنىگە 20يۈەندىن 1800يۈەن،90كۈنلۈك پەرۋىش ھەققى ھەر بىر كۈنىگە 100يۈەندىن 9000يۈەن،كىيىنكى داۋالىنىش چىقىمى 8000يۈەن،10-دەرىجىلىك مېيىپلىق تۆلەم پۇلى يىلىغا 8742يۈەندىن 20يىلغا174840يۈەننىڭ %10تى 17484يۈەن،ماتىرىيال كۆپەيتىش ھەققى 100 يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ،دىمەك دەۋاگەرنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى56008.83يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ.

ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بىكىتىش جەھەتتە ئالدى بىلەن جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتىنى موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يول قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرمىغان بولغاچقا ئالدى بىلەن مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدە داۋالىنىش چىقىمىدىن 10مىڭ يۈەن،مېيىپلىق تۆلەم پۇلى 17484يۈەن،باققۇچىنىڭ قاراش ھەققى 9000يۈەن،جەمئى 36484يۈەننى بىۋاستە ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك.

دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى 56008.83يۈەندىن مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى 36484يۈەننى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن قالغان قىسمى 19524.83 يۈەنگە قارىتا مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسىدە ئوبۇلقاسىم مەخمۇت قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى،مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن،ئۇندىن باشقا ھادىسىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت ئادەم چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىمىغان ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتقا نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم چىقارغان،پىراۋىسىز،نۇمۇر تاختىسى يوق ھالەتتە ماڭغان،دەۋاگەرنىڭ دادىسى مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم بولسا يولنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىدە ماڭغان،شۇڭلاشقا ۋەقەنىڭ يۈز بىرىش سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن ئاساسى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى%60، قوشۇمچە مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى%40بويىچە بىكىتىشكە تىگىشىلىك،يەنى دەۋاگەرنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى 56008.83يۈەندىن مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى 36484يۈەننى چىقىرۋەتكەندە قالغان  19524.83يۈەننىڭ %40تى7808.9يۈەننى جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك،دىمەك ئوبۇلقاسىم مەخمۇت مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدىكى 36484يۈەنگە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى تۆلەم 7808.9يۈەن قوشۇلۇپ جەمئى 44293.9يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك

دەۋاگەرنىڭ تۆلىمىنىڭ مەجبۇرى سۇغۇرتىسىدىن قالغان قىسمى 19524.83يۈەننىڭ %60تىگە دەۋاگەرنىڭ دادىسى مەمەتتۇرسۇن ئۇرايىم مەسئۇل بولۇشقا تىگىشلىك بولسىمۇ بىراق دەۋاگەر بىلەن دادا-بالىلىق مۇناسىۋەتتە بولغاچقا دەۋاگەرنىڭ قانۇنى ۋەسىيىسى ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا تىگىشىلىك دەپ قاراپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 119-ماددا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» نىڭ 16-ماددا، 48-ماددا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ 76-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىدىن كىلىپ چىققان تۆلەم دىلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇننى تەدىبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ([2012]19-نۇمۇرلۇق) »نىڭ 19-ماددا «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى تۆلەم دېلولىرىغا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» [(2003) 20-نۇمۇرلۇق) نىڭ 17-ماددا 1-تارماق2-تارماق، 19-ماددا، 21-ماددا، 23-ماددا، 24-ماددا،25 –ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1-جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى 44293.9يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن بىر ئاي مۆھلەت ئىچىدە دەۋاگەر ئىبراھىم مەمەتنىڭ قانۇنى ۋەسىيىسى مەمەتتۇرسۇن ئىبراھىمغا تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

2-بۇ دىلونىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 951.99يۈەننىڭ كىمەيتىلگەن قىسمى475.99 يۈەن(دەۋاگەر ئاۋال تاپشۇرغان) دىن،جاۋاپكار ئوبۇلقاسىم مەخمۇت 400يۈەننى،دەۋاگەر 75.9يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەگەردە جاۋابكار ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى بويىچە ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىشى كېرەك.

ئەگەر تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز ۋە كۆچۈرۈلمىسىنى قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە تاپشۇرۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ.

سوتچى:بۇخەلچەم ئابدىۋىلى

              2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

           

   پۈتۈكچى:تۇخان ئابدۇراخمان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆麦盖提县法院网
关闭窗口
地址:   邮编:  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2