(2016) ش 3127 ھ د 43-نۇمۇرلۇق 2016-03-24 16:38:05
شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتۇنۇم رايۇنى
مەكىت
ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2016) ش 3127
ھ د 43-نۇمۇرلۇق
دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىت.
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى ئايگۇل مەمەت ،شىنجاڭ ئەن شىيى ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.
جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ..
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى زو جۈن،شىنجاڭ زەرەپشان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.
جاۋاپكار چىياۋ ئەن ۋىن..
جاۋاپكار جۇڭخۇا بىرلەشمە
مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى مەكىت تارماق شىركىتى.ئادىرىسى مەكىت ناھىيە
مەدەنىيەت يولى 43-نۇمۇرلۇق قورۇ.
قانۇنى ۋەكىلى چىيەن
نىڭ،مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرىكتۇرى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا
ۋاكالەتچىسى ياڭ ۋېي.
مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئامانگۇل
ئابدىرىشىت بىلەن جاۋاپكار دۇ چىڭ فىڭ،چىياۋ ئەن ۋېن،جاۋاپكار جۇڭخۇا بىرلەشمە
مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى مەكىت تارماق شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ
جۇڭخۇا بىرلەشمە سۇغۇرتا شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرسىدىكى
«موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يول قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ماجراسى»دەۋا
دىلوسىنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل
قىلغاندىن كىيىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ ئۇچۇق سوتتا رەسمى سوت قىلىپ قاراپ
چىقتى،دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىت ۋە ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئايگۇل
مەمەت، جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ ۋە ھاۋالە
قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى زو جۇن،جاۋاپكار چىياۋ
ئەن ۋىن ،جۇڭخۇا بىرلەشمە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ياڭ
ۋېي،تەرجىمان ئاتىگۇل قاتارلىقلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى.ھازىر بۇ دىلوغا
قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.
دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىت ئەرىزىدە: « 2014-يىلى 8-ئاينىڭ
16-كۈنى سائەت 01:15ئەتراپىدا جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ،جاۋاپكار چىياۋ ئەن ۋىن ئىگىدارچىلىقىدىكى XXXX نۇمۇرلۇق يۈك ماشىنىنى ھەيدەپ مەكىت ناھىيە يانتاق يېزا بولقا كەنىت تەۋەسىگە
كەلگەندە مىنىڭ مەرھۇم ئوغلۇم ئەكبەر ئابدىرىشىت ئارقىسىغا قۇربان
قاۋۇل،ئابدۇخېلىل ئەمەتنى مىندۈرۈپ ماڭغان ئىككى چاقىلىق موتوسىكىلىت بىلەن
سوقۇشۇپ كىتىپ،نەتىجىدە موتوسىكىلىتتىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا
قىلدى،موتوسىكىلىت ۋە ماشىنا بۇزۇلدى،ۋەقەدىن كىيىن مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى
قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ،دۇ چىڭ فىڭ
قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئەكبەر ئابدىرىشىت ئاساسى مەسئۇلىيەتنى
ئۈستىگە ئالىدۇ،قۇربان قاۋۇل،ئابدۇخلىل ئەمەتتە مەسئۇلىيەت يوق دەپ يەكۈن
چىقاردى،ۋەقەدىن كىيىن جاۋاپكار دۇ چىڭ فىڭ بىزگە 10مىڭ يۈەن دەپىنە ھەققى
بەرگەندىن باشقا چىقىملىرىمىز بىلەن كارى بولمىدى،مىنىڭ پەقەت بىرلا ئوغلۇم
بولۇپ،بىز بىر ئانا بىر بالا ئىدۇق،بالام ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن بولۇپ
ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تۈۋرۈكى ئىدى،بالامنىڭ ئۆلۈمى مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر
كەلدى،بالام قازا قىلغاندىن كىيىن مەن ئۆزەم يالغۇز قاتتىق روھى ئازاپ
تارتتىم،مىنىڭ دەۋا تەلىۋىم مەرھۇم بالامنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 174840يۈەن،دەپىنە
ھەققى 26735يۈەن،روھى زىيان تەسەللى پۇلى 20مىڭ يۈەن،مېىيىت ئۈزىتىش جەريانىدىكى
7كۈنلۈك 7ئادەمنىڭ ئىشتىن قېلىش چىقىمى 149يۈەندىن 7301يۈەن،موتوسىكىلىتنىڭ
رىمۇنىت چىقىمى 7000يۈەن،جەمئى 235876يۈەندىن سوغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا
دائىرىسىدە 38666يۈەننى بىۋاستە تۆلەپ بەرسە،قالغان 197210يۈەندىن %40مەسئۇلىيەت
دائىرىسىدە 78884يۈەننى ئىككى جاۋاپكار ئۈستىگە ئېلىپ،بۇنىڭدىن ئالدىن بىرىپ
بولغان 10مىڭ يۈەننى چىقىرىۋىتىپ قالغان 68884يۈەننى دۇ چېڭ فىڭ ۋە چىياۋ ئەن
ۋېندىن تۆلىتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن»دەپ دەۋا قىلدى.
جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ،چىياۋ ئەن ۋىنلەر ئەرزىگە بەرگەن جاۋابىدا:« دەۋاگەرنىڭ دەۋا
ئەرزىدىكى ئۆلۈم تۆلەم پۇلى،دەپىنە ھەققىگە قارىتا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت
ئىزاھاتىنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى دەۋاگەر دەۋا قىلىۋاتقان
جايدىكى بىريىللىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تەقسىمات كىرىمى ياكى يېزا
ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تەقسىمات كىرىمىدىن پايدىلىىپ بىكىتىلىدۇ،يىل ئۆلچىمى 20يىل
بويىچە ھېساپلىنىدۇ،60ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بىر ياش قوشۇلسا بىر يىل
كىمەيتىلىدۇ،75ياشتىن ئاشقان بولسا 5يىل ھېساۋلىنىدۇ دىيىلگەن، شۇ بويىچە بىكىتىپ
بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز،27-ماددىسىدا دەپىنە ھەققى دەۋاگەر دەۋا قىلىۋاتقان
جايدىكى بىر يىللىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئۆلچىمىدىن پايىدىلىىپ ئالتە
ئايلىق ئۆلچەم بويىچە بىرىلىدۇ دىيىلگەن،يۇقارىقى ئىككى تۆلەمنى يۇقارىقى
ئىزاھاتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھېساۋلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز.
2-دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان 7كۈنلۈك 7ئادەمنىڭ مېيىت
ئۇزىتىش جەريانىدىكى ئىشتىن قىلىش ھەققىگە قارىتا قانۇندا بەلگىلىمە يوق،بۇنى
بىكىتىشكە بولمايدۇ،
3-دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان روھى زىيان تۆلىمى
20000يۈەننىڭ قانۇنى ئاساسى يوق،ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇققا
چىقىلغۇچىلارنىڭ روھى زىيان تۆلىمىنى بىكىتىشكە دائىرى بىر قانچە مەسىلە
توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 9-ماددىسىدا روھى زىيان تەسەللى پۇلى ئىككى خىل
بولۇپ،ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە مېيىپلىق تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
دىيىلگەن،ئۆلۈم تۆلەپ پۇلى ئاللىبۇرۇن تەشەببۇس قىلىنغان بولغاچقا روھى زىيان
تەسەللى پۇلىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى يوق دەپ قارايمىز،
4-مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ
ئەترىتىنىڭ ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە دۇ چىڭ فىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى،ئەكبەر
ئابدىرىشىت ئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن بولۇپ،بۇ
ئىتىراپنامىغا تەرەپلەر قايىل بولغان،بىراق ئىتىراپنامىدە كونكىرىت مەسئۇلىيەت بىكىتىلمىگەن،مەزكۇر
ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئەكبەر ئابدىرىشىت پىراۋىسىز،نۇمۇر تاختىسى يوق
موتوسىكىلىتقا نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىپ،سۈرەت ئاشۇرۇپ ماڭغانلىقتىن بۇ ۋەقە كىلىپ چىققان، شۇڭلاشقا بىز
%20مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز »دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:2014-يىلى
8-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيىجىڭ ۋاقتى سائەت 01:15ئۆتكەندە جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ،جاۋاپكار
چىياۋ ئەن ۋېن ئىگىدارچىلىقىدىكى XXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتۇمبىلىنى
ھەيدەپ 45-تۈەندىن قەشقەر شەھرىگە قاراپ مېڭىپ،مەكىت ناھىيە يانتاق يېزا بولقا كەنىت
يول بۆلىكىگە كەلگەندە،دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتنىڭ ئوغلى ئەكبەر ئابدىرىشىت
پىراۋىسىز،نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقىلىق موتوسىكىلىتقا قۇربان قاۋۇل ۋە
ئابدۇخېلىل ئەمەتنى مىندۈرۈپ
كىتىۋاتقاندا سوقۇلۇپ كىتىپ،ئەكبەر ئابدىرىشىت،قۇربان قاۋۇل،ئابدۇخېلىل ئەمەتلەر
قازا قىلغان،ماشىنا ۋە موتوسىكىلىت بۇزۇلغان،ۋەقەدىن كىيىن مەكىت ناھىيىلىك ج خ
ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2015) 19-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى
ئىىتراپنامىسى چىقىرىپ جاۋاپكار دۇ چىڭ فىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە
ئالىدۇ،ئەكبەر ئابدىرىشىت ئاساسىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،قۇربان
قاۋۇل،ئابدۇخېلىل ئەمەتتە مەسئۇلىيەت يوق دەپ ئىتىراپنامە چىقارغان،جاۋاپكار دۇ
چىڭ فىڭ ھەيدىگەن XXXX نۇمۇرلۇق ماشىنا،جاۋاپكار جۇڭخۇا بىرلەشمە
مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسىغا موتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرى مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا
قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ،بۇ ۋەقە سۇغۇرتا دائىرىسىدە يۈز بەرگەن،ھادىسىدە قازا قىلغان
ئەكبەر ئابدىرىشىت يېزا نۇپۇسى بولۇپ يالغۇز پەرزەنىت ئىكەنلىكى قاتارلىق پاكىتلار ئېنقلاندى.
يۇقارىقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار؛
1-يازما ئىسپات:
1)دەۋاگەرتەمىنلىگەن مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى
قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ (2015)19-نۇمۇرلۇق
قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسى.
بۇ ئىسپات مەزكۇر قاتناش
ھادىسىسىدە دەۋاگەر ئامانگۇل
ئابدىرىشىتنىڭ ئوغلى ئەكبەر ئابدىرىشىت ئاساسى مەسئۇلىيەتنى،جاۋاپكار دۇ چىڭ فىڭ قوشۇمچە
مەسئۇلىيەتنى، ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2)مەكىت
ناھىيە يانتاق يېزا ساقچىخانىسىنىڭ نۇپۇستىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى
بۇ
ئەكبەر ئابدىرىشىتنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كىيىن نۇپۇستىن
ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
3)
مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تېخنىكا بۆلۈمنىڭ ئىسپاتى.
بۇ
دەۋاگەر ئەكبەر ئابدىرىشىتنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتناش ۋەقەسىدە قازا
قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
4)دەۋاگەر
ئامانگۇل ئابدىرىشىتنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى .
بۇ
دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىت ۋە ئەكبەر ئابدىرىشىتنىڭ يېزا نۇپۇسى ئىكەنلىكىنى،ھەمدە تۇغۇلغان ۋاقتىنى
ئىسپاتلايدۇ.
5)
يانتاق يېزا خامان كۆيدى كەنىت كومىتىتى ۋە ساقچى ئىشخانىسىنىڭ ئسپاتى.
بۇ
دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتنىڭ مەرھۇم ئەكبەر ئابدىرىشىتنىڭ ئانىسى بولۇپ،يالغۇز
پەرزەنىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارىقى
دەلىل-ئىسپاتلار سوتتا بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلىپ يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلدى،جاۋاپكار
تەرەپلەر بۇ ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوقىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى،شۇڭلاشقا
مەھكىمىمىز يۇقارىقى ئىسپاتلارنىڭ ئىسپاتلىنىش كۈچىنى بىكىتىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:سوتتا ئېنىقلانغان
پاكىت ۋە كۆرسىتىلگەن دەلىل-ئسپاتلاردىن قارىغاندا بۇ دىلودىكى تالاش-تارتىشنىڭ
مەركىزى نوختىسىنى تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،بىرى دەۋاگەر
تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسىنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟ئىككىنجىسى بۇ دىلودىكى
مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى قانداق بىكىتىمىز؟ دىگەن مەسىلە بولۇپ،بۇ دىلونىڭ پاكىتى
ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ دىلو خاراكتىرىنى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى يول
قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ماجرا دىلوسى دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ،پۇخرالارنىڭ تىنىنى
زەخمىلەندۈرگەنلەر داۋالىنىش پۇلىنى،ئىشتىن قېلىپ كىېمىيىپ كەتكەن كىرىمىنى،مېيىپ
بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى تۆلىشى كىرەك؛ئۆلۈشىنى
پەيدا قىلغانلار ئۆلگۈچىنىڭ دەپىنە ھەققى،ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن
كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى بىرىشى كىرەك.شۇڭلاشقا
دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى يوللۇق،قوللاشقا بولىدۇ.
دەۋاگەرنىڭ
دەۋا تەلىۋىدىكى تۆلەمنى بىكىتىشتە تۆۋەندىكى چىقىملىرىنى بىكىتىشكە بولىدۇ،يەنى ھادىسىدە
قازا قىلغۇچى مەرھۇم ئەكبەر ئابدىرىشىتنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى مەرھۇم يېزا نۇپۇسى بولغاچقا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىستاستىكا ئىدارىسى چىقارغان 2014-يىللىق يېزا
ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8742يۈەندىن 20يىلىغا 174840يۈەننى بىكىتىشكە
بولىدۇ.
دەپىنە
ھەققىنى بىكىتىشتە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم ئىزاھاتىنىڭ
بەلگىلىمىسى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىستاستىكا ئىدارىسى چىقارغان 2014-يىللىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ
ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 54407يۈەننىڭ يېرىمى 27203يۈەن بولسىمۇ بىراق دەۋاگەر دەۋا ئەرزىدە
26735يۈەن تەلەپ قىلغان بولغاچقا ئۆزى تەلەپ قىلغاننى بىكىتىشكە بولىدۇ،مېيىت
ئۇزىتىش جەرياندىكى 7ئادەمنىڭ 7كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بىكىتىشكە
بولمايدۇ،موتوسىكىلىتنىڭ رىمۇنىت چىقىمى ئۈچۈن 7000يۈەن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ
بىراق بۇنىڭغا قارىتا ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىدى،پەقەت مەجبۇرى سۇغۇرتا
دائىرىسىدىكى 2000يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ،دەۋاگەر تەلەپ قىلغان روھى زىيان تۆلىمى
20000يۈەن يۇقىرى بولۇپ كەتكەن، ناھىيىمىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ
10000يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ،دىمەك دەۋاگەرنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى ئۈچۈن
213575يۈەننى بىكىتىشكە بولىدۇ،ئارتۇق دەۋا تەلىۋىنى مەھكىمىمىز قوللىمايدۇ.
جاۋاپكار
دۇ چىڭ فىڭ ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغان ماشىنا جاۋاپكار جۇڭخۇا بىرلەشمە مال-مۈلۈك
سۇغۇرتا شىركىتىگە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى مەجبۇرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان
بولۇپ،ئالدى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدە ئۈستىگە ئېلىشقا
تىگىشلىك،بىراق بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۈچ ئادەم قازا قىلغان بولغاچقا مەجبۇرى سۇغۇرتا
دائىرىسىدىكى 110مىڭ يۈەننى ئۈچكە بۆلۈپ،ئەكبەر ئابدىرىشىتقا تەئەللۇق
36666يۈەن،موتونىڭ رىمۇنىت چىقىمى 2000يۈەن،جەمئى 38666يۈەننى ئالدى بىلەن سۇغۇرتا
شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك.
قېپ
قالغان 174909يۈەنگە قارىتا قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە ئەكبەر ئابدىرىشىت
ئاساسى مەسئۇلىيەتنى،دۇ چىڭ فىڭ قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن
بولغاچقا قوشۇمچە مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى%30،ئاساسى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى
%70بويىچە بىكىتىشكە تىگىشلىك، چۈنكى ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئەكبەر ئابدىرىشتنىڭ
مەسئۇلىيىتى چوڭ،چۈنكى ئەكبەر ئابدىرىشىت پىراۋىسىز،نۇمۇر تاختىسى يوق موتوغا
نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىپ مېڭىپ ھادىسە سادىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ
چىقارغان،شۇڭلاشقا ئەكبەر ئابدىرىشىت%70مەسئۇلىيەتنى،دۇ چىڭ فىڭ %30مەسئۇلىيەتنى
ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك.
جاۋاپكار
چىياۋ ئەن ۋېن ماشىنىنىڭ ئىگىسى بولغاچقا چىياۋ ئەن ۋىن يۇقارىقى دۇ چىڭ
فىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشىلىك تۆلەمگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە
ئېلىشقا تىگىشلىك،چۈنكى دۇ چىڭ فىڭ بىلەن چىياۋ ئەن ۋىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت
بولسا ياللاش-ياللىنىش مۇناسىۋىتى ئەمەس،بەلكى دوسلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ،دۇ چىڭ فىڭ
ماشىنىنى دوستىغا ياردەملىشىپ ھەيدىشىپ بەرگەن،شۇڭلاشقا بۇ ئىككى جاۋاپكار چاتما
تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك.
دەۋاگەرنىڭ
ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى 174909يۈەننىڭ %30تى 52472يۈەننى جاۋاپكار دۇ چىڭ فىڭ،چىياۋ
ئەن ۋېىنلا ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ بۇنىڭدىن ئالدىن 10مىڭ يۈەن بىرىپ
بولغان بولغاچقا ئالدىن بىرىپ بولغان 10مىڭ يۈەننى چىقىرۋىتىپ قېپ قالغان تۆلەمنى
دەۋاگەرگە تۆلەپ بىرىشكە تىگىشلىك،%70مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى تۆلەمگە دەۋاگەر
ئۆزى مەسئۇل بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ
119-ماددا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى» نىڭ
16-ماددا،22-ماددا، 48-ماددا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك
قانۇنى»نىڭ 76-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى تۆلەم دېلولىرىغا
قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە
مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» [(2003) 20-نۇمۇرلۇق) نىڭ 17-ماددا 3-تارماق ، 27-ماددا، 29-ماددا، 35 –ماددىلىرىدىكى
بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.
1-جاۋاپكار
جۇڭخۇا بىرلەشمە مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى مەكىت تارماق شىركىتى
دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمىدىن مەجبۇرى سۇغۇرتا
دائىرىسىدە 38666يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ،ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ بىر ئاي
مۆھلەت ئىچىدە دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتقا تۆلەپ بىرىدۇ.
2-جاۋاپكار
دۇ چېڭ فىڭ،چىياۋ ئەن ۋىنلەر دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتنىڭ ئومۇمى جىسمانى زىيان تۆلىمى 213575يۈەندىن
سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالغان 38666يۈەننى
چىقىرىۋىتىپ قالدى 174909يۈەننىڭ%30تى 52472يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ،بۇنىڭدىن ئالدىن
بىرىپ بولغان 10مىڭ يۈەننى چىقىرىۋىتىپ قالغان 42472يۈەننى چاتما جاۋاپكارلىق
بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ، مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن بىر ئاي
مۆھلەت ئىچىدە دەۋاگەر ئامانگۇل ئابدىرىشىتقا تۆلەپ قايتۇرىدۇ.
2-بۇ دىلونىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 2531يۈەننىڭ كىمەيتىلگەن قىسمى1265.5 يۈەن(كىچىكتۈرۈلگەن) دىن،400يۈەننى
دەۋاگەر،865.5يۈەننى جاۋاپكار دۇ چېڭ فىڭ،چىياۋ ئەن ۋىن ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەگەردە
جاۋابكارلار ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا جۇڭخۇا خەلق
جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھى
بويىچە ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىشى
كېرەك.
ئەگەر
تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ
15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز ۋە كۆچۈرۈلمىسىنى قارشى تەرەپ
دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى بويىچە تاپشۇرۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت
مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ.
سوتچى:بۇخەلچەم ئابدىۋىلى
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
پۈتۈكچى:ئايگۇل
ئابدۇرۇسۇل
|