(2016) ش 3127 ج د 2-نۇمۇرلۇق 2016-03-24 16:42:03
شىنجاڭ
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
(2016) ش 3127 ج د 2-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلىگۈچى ئورگان مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
جاۋاپكار:تX ، ئەر، ئۇيغۇر، 23ياش، ساۋاتسىز، كەسپى
ئامانلىق ساقلىغۇچى ، قاغىلىق ناھىيسىدىن ،ئىلگىرى
جازالانمىغان.2015-يىلى 12- ئاينىڭ 5-كۈنى «ئوغۇرلۇق» جىنايىتى گۇمانى
بىلەن مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن
جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇلۇپ،2015 – يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى قانۇن بويىچە
قولغا ئېلىنغان،ھازىر مەكىت ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
جاۋاپكار تXنى «ئوغۇرلۇق»جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
م ت ج ئى ئەيىپلەش (2016) چىقىش 2- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق
مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز
تەكشۈرگەندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن
سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ رەسمى سوت قىلىشنى قارار قىلىپ، 2016- يىلى 1-
ئاينىڭ 18- كۈنى ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ تەنھا سوتچى ئۇچۇق رەسمى سوت قىلدى.مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۈلىگەن تەپتىش پەرھات
ھۈسيىن سوتقا چىقىپ ئەيىپلىدى ۋە ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكارتX سوتقا كەلتۈرۈلۈپ دەۋاغا
قاتناشتۇرۇلدى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ
ئاياغلاشتۇرۇلدى .
مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى« جاۋاپكار
تX 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 15:30لەر ئەتراپىدازىيانلانغۇچى خىXنىڭ دۇلان
ئولتۇراق رايۇنى Cرايۇن 1-بىنا
3-كۇرپۇسنىڭ ئالدىدا ئاچقۇچ بىلەن توختۇتۇپ قويغان 5800يۈەن قىمىمىتىدىكى بىردانە
قىزىل رەڭلىك ،يىنخى ماركىلىق ئەرەنچە موتوسىكىلىتنى كۆرگەندىن كىيىن ئوغۇرلاش
مەقسىتگە كىلىپ ،موتوسىكىلىتنى مىنىپ كەتكەن ھەمدە موتوسىكىلىتنىڭ نۇمۇرتاختىسىنى سۆكۈپ
ئىلىپ دولان ئولتۇراق رايۇنى 17-بىنا 5-كۇرپۇسنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان
،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ موتوسىكىلىتى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن. جاۋاپكار
تXنىڭ قىلمىشىدىن
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى جىنايەت
شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق «ئوغۇرلۇق » جىنايىتى
بىلەن جاۋاپكار تXنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
بۇيىنچە قانۇن بويىچە جازا بىرشىڭىزلارنى
سورايمىز» دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.
جاۋاپكارتX سوتتا
ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنقلىشىمىزچە : جاۋاپكار
تX 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 15:30لەر ئەتراپىدازىيانلانغۇچى خىXنىڭ دۇلان
ئولتۇراق رايۇنى Cرايۇن 1-بىنا
3-كۇرپۇسنىڭ ئالدىدا ئاچقۇچ بىلەن توختۇتۇپ قويغان新Q3S246نۇمۇرلۇق
5800يۈەن قىمىمىتىدىكى بىردانە قىزىل رەڭلىك ، يىنخى ماركىلىق ئەرەنچە موتوسىكىلىتىنى
كۆرگەندىن كىيىن ئوغۇرلاش مەقسىتىگە كىلىپ ، موتوسىكىلىتنى مىنىپ كەتكەن ھەمدە
موتوسىكىلىتنىڭ نۇمۇرتاختىسىنى سۆكۈپ ئىلىپ دولان ئولتۇراق رايۇنى 17-بىنا
5-كۇرپۇسنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان ،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن
زىيانلانغۇچىنىڭ موتوسىكىلىتى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن قاتارلىقلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق
ئىنىقلاندى .
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار :
1-يازما ئىسپات:
(1)قاغىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن
جاۋاپكار تXنىڭ ياش ئىسپاتى.
بۇ
جاۋاپكار تXنىڭ1992-يىلى 7–ئاينىڭ 9- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە
ئېلىش يېشىغا توشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
(2) قاغىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن
جاۋاپكار تXنىڭ ئىجتىمائى ئىسپاتى.
بۇ جاۋاپكار تXنىڭ ئىلگىرى تەۋەلىكتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلمىغانلىقىنى
ئىسپاتلايدۇ.
(3) مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلوغا
مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تۇتۇپ قىلىش
قارارى.
بۇ ئىسپات جاۋاپكار تX ئوغۇرلىغان بىردانە قىزىل رەڭلىك يىنخى ماركىلىق
ئىككى چاقىلىق ئەرەنچە موتوسىكىلىتنىڭ قانۇن بۇيۇنچە تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
(4) زاڭ مال تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى
قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى .
بۇ ئىسپات جاۋاپكار تX ئوغۇرلىغان
بىردانە قىزىل رەڭلىك يىنخى ماركىلىق ئىككى چاقىلىق ئەرەنچە موتوسىكىلىتنى زىيانلانغۇچى
خىXنىڭ تاپشۇرۇپ
ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2-زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى:
زىيانلانغۇچى خى Xنىڭ مەكىت ناھىيىلىك
ج خ ئىدارىسى خادىملىرىغا بەرگەن زىيانلىنىش شىكايىتىدە« مەن2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەچ سائەت بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 19لەر بىلەن مەكىت ناھىيە دۇلان ئولتۇراق
رايۇنى Cرايۇن 1-بىنا 3-كۇرپۇسنىڭ
ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ يىنخى ماركىلىق ئىككى چاقىلىق موتوسىكىلىتىمنى توختۇتۇپ قۇيۇپ
ئەتىسى قارىسام موتوسىكىتىلىم يوق تۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن دىلو مەلۇم قىلدىم،مەن
موتوسىكىلىتنى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مەكىت ناھىيە تىڭفىي موتوسىكىلىت سېتىش
ئورنىدىن 6500يۈەنگە سېتىۋالغان موتوسىكىلىتمنىڭ نۇمۇرتاختىسى بار بۇلۇپ نۇمۇرى 新Q3S246ئىدى »دەپ بايان
قىلغان.
3- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى :
جاۋاپكار تX سوتتا ‹‹ئەيىلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتقا
قارىتا باشقا پىكىرىم يوق ،ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشنى سادىر
قىلغىنىم راس››دەپ ئىقرار قىلدى .
4-باھالاش پىكىرى:
مەكىت ناھىيىلىك تەرەققىيات ۋە پىلان
كومىتىتىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنى.
بۇ جاۋاپكار تX ئوغۇرلىغان بىردانە قىزىل رەڭلىك يىنخى ماركىلىق ئىككى چاقىلىق ئەرەنچە
موتوسىكىلىتنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىدا 5800يۈەن
دەپ باھالاپ بىكىتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
5-ئىنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى:
دىلودا مەكىت ناھىيىلىك ج خ
ئىدارىسىنىڭ نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، نەخ مەيدان خەرىتىسى ، نەخ
مەيداندىن تارتىلغان فۇتۇ سۈرەتلەر بار بۇلۇپ دىلونىڭ ئوبىكتىپ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن
كىلىدۇ. يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار سوتتا بىر- بىرلەپ كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ
ئۆتۈلدى . بۇ دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق ھەم راسىت ،شۇڭا دىلونىڭ
پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكارتXنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ
مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن «ئوغۇرلۇق» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. تەپتىش
مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدىكى جىنايەت پاكىتلىرى ۋە جىنايەتكە قارىتا جازا بېرىش
توغرىسىدىكى پىكىرىنى مەھكىمىمىز قوللايدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق،دەلىل ئىسپاتى
تۇلۇق ، جاۋاپكارغا قانۇن بۇيىنچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك ،لىكىن جاۋاپكارنىڭ
جىنايىتىنى تۇنۇش پۇزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقىنى، زىياننىڭ ئەينەن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى
جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە نەزەرگە ئىلىشقا تىگىشلىك. مەھكىمىمىز جەمئىيەت
ئامانلىقىنى قوغداش، پۇخرالارنىڭ مال مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ
دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك
قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى
بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.
جاۋاپكارتXنىڭ «ئوغۇرلۇق» جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 9ئايلىق قاماق جازاسى
ھۆكۈم قىلىندى. قوشۇمچە 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
(جازا
مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ ھىساپلىنىدۇ، ھۆكۈم ئىجرا
قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا،قامالغان بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر
كۈنىگە سۇندۇرۇلىدۇ يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2015- يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ2016-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى
ئاخىرلىشىدۇ.)
ئەگەرتەرەپلەربۇ ھۆكۈمگە قايىل
بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن مۇددەت ئىچىدە
مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇراخەلق سوت مەھكىمىسىگە
نارازلىق ئەرىز(ئىتىراز) بەرسە بولىدۇ. يازما نارازلىق ئەرىز بەرگەندە نارازلىق
ئەرىز خېتىنىڭ رەسمى نۇسخىسىدىن بىر پارچە كۆپەيتىلمىسىدىن 2 پارچە تاپشۇرۇش
كىرەك.
سوتچى :نۇرمەمەت ئايۇپ
2016 –يىلى1-ئاينىڭ22–كۈنى
پۈتكۈچى:نۇرئەخمەتجان مۇختەر
|