添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016)3127 م ج د 21-نومۇرلۇق

2016-05-12 11:24:48


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

              (2016)3127 م ج د 21-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى:خاX، ئايال،ئۇيغۇر، 27ياش،ساۋاتسىز،كەسپى تىجارەتچى،مەكىت ناھىيەسىدىن.

ھاۋالە قىلىنغان داۋا ۋاكالەتچىسى ئەركىن مەمەت،شىجاڭ تۈمەن ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ئادۋۇكاتى.

جاۋاپكار ئاX، ئايال، ئۇيغۇر،1996-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق، مەكىت ناھىيەسىدىن.«قەستەن زەخمىلەندۈرۈش»جىنايىتى بىلەن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5- كۈنى مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ14-كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان،ھازىر مەكىت ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار ئاXنى« قەستەن زەخمىلەندۈرۈش »جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى م ت ج ئى ئەيىپلەش(2016) چىقىش 19-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامە ئارقىلىق مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن مەھكىمىمىز تەكشۈرگەندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ، رەسمى سوت قىلىشنى قارار قىلىپ، قانۇن بۇيىچە كېڭەشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ ئادەتتىكى تەرتىپ قوللۇنۇپ2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچۇق رەسمى سوت قىلدى.مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۈلىگەن تەپتىش ئارزىگۇل ئىمىن،ئاخۇنجان يۈسۈپلەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلىدى ۋە ئەيىپلەشنى قوللىدى.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX ئۇنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئەركىنجان مەمەت ۋە گۇۋاھچى ئەX،قۇX سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى،جاۋاپكار ئاX سوتقا كەلتۈرۈلۈپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇلدى،ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى«جاۋاپكار ئاX2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتە دوستى گۇX بىلەن مەكىت ناھىيە قاتناش مىھمانخانىسىنىڭ ياتىقىدا ھاراق ئىچكەن،شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا ئاX تىلىفۇن قىلىش ئۈچۈن پەستىكى زالغا چۈشۈپ ساپادا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX بىلەن مەكىت ناھىيەلىك ئەX ئىككىسى ئۈستۈنكى قەۋەتتىن مەست ھالەتتە زالغا چۈشكەن،ئەX، ئاXنى كۆرۈپ ئۇنى تىللىغان،جاۋاپكار ئاX ئورنىدىن تۇرۇپ ئەXنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرگەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX كىلىپ جاۋاپكار ئاX بىلەن جىدەللىشىپ قالغان،ئۇلار ئۆز-ئارا ياقىسىدىن سۆرىشىپ مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئالدىغىچە كەلگەن،شۇ ئەسنادا جاۋاپكار ئاX بېلىگە قىستۇرۇۋالغان 15سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاق بىسلىق،قىزىل ياغاچ دەستىلىك پىچىقىنى چىقىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ قۇرساق قىسمىغا بىر قېتىم تىققان،مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى قۇX بىلەن ئەX ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەن.مەكىت ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى پەن تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ {2015}075-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم تېنى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاشنامىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ زەخمە دەرىجىسىنى «2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە» دەپ باھالاپ بىكىتىلگەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا 9كۈن بالنىسىتتا يېتىپ 14254.87يۈەنلىك داۋالانغان،قەشقەرگە يۆتكەش ھەققى 1250يۈەنCT ھەققى 850يۈەن، قان سېلىش ھەققى 1800يۈەن، (تېڭىق ھەققى 300يۈەن)جەمئى 18454.87يۈەنلىك داۋالانغان، بۇ جەرياندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئەسلىگە كەلمىگەن. جاۋاپكار ئاXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددىسىدىكى «قەستەن زەخمىلەندۈرۈش» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،جاۋاپكارمۇ قىلمىشىغا ئىقرار، «قەستەن زەخمىلەندۈرۈش»جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار ئاXنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، قانۇن بويىچە جازا بىرشىڭىزلارنى سورايمىز» دەپ مەھكىمىمىزگە   ئەيىپلىگەن.

جاۋاپكارئاX سوتتا« خاXنىڭ تەلەپ قىلغان زىيىنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بىرىمەن،ئۇنىڭدىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن،مىنى كەچۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن »دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگىرى خاX سوتتا:«2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 23:00لار ئەتراپىدا مەن بۇرۇنقى يولدۇشۇم ئەX بىلەن مەكىت ناھىيىلىك قاتناش مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئاچتۇرۇپ كىرىپ بىرنەچچە رۇمكىدىن ھاراق ئىچىشىپ بىردەم مۇڭداشتۇق،يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئانام ماڭا تىلىفۇن قىلىپ قايتىپ كىلىشىمنى ئېيتىپتى،مەن ئۆيگە قايتاي دەپ ماڭسام ئەX مىنى ئۇزۇتۇپ قۇياي دەپ پەسكە چوڭ زالغا بىللە چۈشتى،زالدىكى سافادا مەن تونۇمايدىغان بىر قىز بالا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتىكەن بىزنى كۆرۈپ ئەXغا«كىم بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دىدى،مەن ئەXغا «ئۇ سىنى تونۇمتى؟»دىسەم،ئۇ قىزماڭا«ساڭا گەپ قىلمىدىم ئالدىڭغا قاراپ ماڭ»دەپتى،ئەX ماڭا«بولدى سىنىڭ كارىڭ بولمىسۇن»دىدى،مەن ياتاقتا قول سومكامنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى ماڭساق،ئۇ قىز ئەXغا «نەدىكى قېرى جالاپ بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دەپ تىللاپتى ئەX ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ«مىنى تونۇمسەن،كىم بىلەن ماڭسام سىنىڭ نىمە كارىڭ»دىدى،مەن ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ مىنى نىمىشقا تىللايسەن دەپ بارسام ئۇ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ياقامغا ئېسىلدى،مەن ئۇنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ باتەينىڭ ئالدىغىچە سكرىشىپ قالدۇق،ئەX بىلەن مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى بىزنى ئاجرىتىۋاتقاندا ئۇ قىز قولىنى شىلتىغاندەك قىلدى،مەن ھەرە چاققاندەك بىر ئاغرىقنى سەزدىم لىكىن پىچاق تىققانلىغىنى بىلمەپتىمەن،ئەX بىلەن قايتايلى دەپ مېڭىپ مىھمانخانا چوڭ زالىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرسەم قۇسۇقىمدىن قىززىق بىر نەرسە ئاققاندەك قىلدى سىرىتقا چىقىپ چاپىنىمنىڭ ئالدى ئوچۇقتى مايكامغا قارىسام تۆشۈك تۇرىدۇ،كەينىمىزگە يېنىپ ئەX بىلەن چوڭ زالغا كىرىپ 110غا دىلو مەلۇم قىلىۋىتىپ ئاندىن ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ماڭا سەن پىچاق تىقتىڭمۇ؟دىسەم،مەن تىقمىدىم دىدى،مەن ئېغىر زەخمىلىنىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا 9كۈن بالنىسىتتا يېتىپ 14254.87يۈەنلىك داۋالاندىم، 840يۈەنلىك تەكشۈرتتىم،دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنكى تېڭىق ھەققى 300يۈەن،تېڭىققا كىتىدىغان دورا،داكا قاتارلىقلارنىڭ پۇلى 640يۈەن بولۇپ 16034.87يۈەن زىيانلاندىم، 9كۈن جەريانىدا كۈنلىكى 149يۈەندىن ئىشتىن قېلىپ 9كۈندە 1341يۈەن زىيانلاندىم،باققۇچى مىنىڭ ھالىمدىن 9كۈن خەۋەر ئېلىپ كۈنلىكى 149يۈەندىن ئىشتىن قېلىپ 9كۈندە 1341يۈەن زىيانلاندىم،تاماق ياردەم پۇلى ئۈچۈن 9كۈندە كۈنلىكى 25يۈەندىن 225يۈەن،زۈرۈر ئۇزۇقلىنىش ھەققى ئۈچۈن 9كۈندە كۈنلىكى 30يۈەندىن270يۈەن ،جەمئى18925.87 يۈەن زىيانلاندىم.روھى زىيان تۆلىمىم ئۈچۈن 30000يۈەن بولۇپ 52000يۈەنگە ئەرز قىلغان ئىدىم،بۇنىڭدىن، جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنا ھەققى ئۈچۈن 1200يۈەن،قان سېلىش ھەققى 1800يۈەن،CTدا تەكشۈرتۈش ھەققى 850يۈەن قاتارلىقلارنىڭ تالۇنى يۈتۈپ كەتكەن بولغاچقا بۇ چىقىملارنى ۋە روھى زىيان تۆلىمىنى تەلەپ قىلمايمەن، جەمئى18921.87يۈەن زىيىنىمگە قاتناش زىيىنىمنى مۇۋاپىق قۇشۇپ ھىساپلاپ جاۋاپكار ئاXدىن تۆلىتىپ ئېلىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن»دەپ قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ داۋاسى قىلدى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:«جاۋاپكار ئاX2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتە دوستى گۇX بىلەن مەكىت ناھىيە قاتناش مىھمانخانىسىنىڭ ياتىقىدا ھاراق ئىچكەن،شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا ئاX تىلىفۇن قىلىش ئۈچۈن پەستىكى زالغا چۈشۈپ ساپادا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX تونۇشى ئەX بىلەن بىللە ئۈستۈنكى قەۋەتتىن زالغا چۈشكەن،جاۋاپكار ئاX ئەXغا«كىم بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دىگەن،خاX ئەXغا «ئۇ سىنى تونۇمتى؟»دىگەندە،جاۋاپكار ئاX خاXغا«ساڭا گەپ قىلمىدىم ئالدىڭغا قاراپ ماڭ»دىگەن،ئەX خاXغا «بولدى سىنىڭ كارىڭ بولمىسۇن»دىگەن، جاۋاپكار ئاX ئەXغا «نەدىكى قېرى جالاپ بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دىگەندە، ئەX جاۋاپكار ئاXنىڭ ئالدىغا بېرىپ«مىنى تونۇمتىڭ،كىم بىلەن ماڭسام سىنىڭ نىمە كارىڭ»دىگەن،خاXمۇ جاۋاپكار ئاXنىڭ ئالدىغا بېرىپ «مىنى نىمىشقا تىللايسەن؟» دەپ بارغاندا جاۋاپكار ئاX ئورنىدىن تۇرۇپ خاXنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان،خاX ئۇنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ ئىككىسى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئالدىغىچە سۆرىشىپ بارغان،شۇ ئەسنادا جاۋاپكار ئاX بېلىگە قىستۇرۇۋالغان 15سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاق بىسلىق،قىزىل ياغاچ دەستىلىك پىچىقىنى چىقىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ قۇرساق قىسمىغا بىر قېتىم تىققان،مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى قۇX بىلەن ئەX ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەن.مەكىت ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى پەن تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ {2015}075-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم تېنى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاشنامىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ زەخمە دەرىجىسىنى«2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە»دەپ باھالاپ بىكىتكەن.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا 9كۈن بالنىسىتتا يېتىپ 14254.87يۈەنلىك داۋالانغان، 840يۈەنلىك تەكشۈرتكەن، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىنكى تېڭىق ھەققى 300يۈەن،تېڭىققا كىتىدىغان دورا،داكا قاتارلىقلارنىڭ پۇلى 640يۈەن بولۇپ 16034.87يۈەن زىيانلانغان، 9كۈن جەريانىدا كۈنلىكى 149يۈەندىن ئىشتىن قېلىپ 9كۈندە 1341يۈەن زىيانلانغان،باققۇچى ئۇنىڭ ھالىدىن 9كۈن خەۋەر ئېلىپ كۈنلىكى 149يۈەندىن ئىشتىن قېلىپ 9كۈندە 1341يۈەن زىيانلانغان،تاماق ياردەم پۇلى ئۈچۈن 9كۈندە كۈنلىكى 25يۈەندىن 225يۈەن،زۈرۈر ئوزۇقلىنىش ھەققى ئۈچۈن 9كۈندە كۈنلىكى 20يۈەندىن 180يۈەن قاتناش كىرا ھەققى ئۈچۈن 164يۈەن بولۇپ جەمئى19285.87 يۈەن زىيانلانغان.بۇ جەرياندا جاۋاپكار ئاX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھىچقانداق زىيىنىنى تۆلەپ بەرمىگەن قاتارلىقلار ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار

1-يازما ئىسپات؛

(1)مەكىت ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى يانتاق يېزىلىق ساقچىخاناتەمىنلىگەن جاۋاپكارنىڭ ياش ئىسپاتى ۋە ئىجتىمائى سالاھىيەت ئىسپاتى.

بۇ جاۋاپكار ئاXنىڭ 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا توشقانلىغىنى، ئىلگىرى تەۋەلىكىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلمىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

(2)خاXنىڭ بىرپارچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنىسىتتا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى ئېلىش بىرلىككە كەلگەن ھەق-ھىساۋات تالۇنى، ئىككى پارچە دىئاگنۇز ئىسپاتى.ئىككى پارچە دورا ھەققى تالۇنى. بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ ئاX تەرىپىدىن پىچاق تىقىلىپ قوساق بوشلىقى ئېغىر زەخمىلىنىپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا 9كۈن بالنىسىتتايېتىپ 14254.87 يۈەنلىك داۋالانغانلىقىنى،دورا ۋە تېڭىپ داۋالاش ھەققىنى قوشۇپ جەمئى 16034.87يۈەنلىك داۋالانغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

(3) تونۇتۇش خاتىرىسى. مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ جاۋاپكار ئاXغا بىر نەچچە پىچاق ئىچىدىن جىنايەت قۇرالى بولغان پىچاقنى تۇنۇتۇش ئېلىپ بارغانلىغىنى، جاۋاپكارنىڭ كۆرۈپ ئۆزى خاXنى زەخمىلەندۈرگەن پىچاقنى تونۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

(4)مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى.

بۇ ئىسپات: ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 00:30لار ئەتراپىدا مەدىنىيەت يولىدىكى قاتناش مىھمانسارىيىدا زەخمىلەندۈرۈش دىلوسى يۈز بىرىپتۇ دىگەن مەزمۇندا مەدىنىيەت يولى ساقچىخانىسىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 14:00لاردا قىلغان دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن گۇماندار ئاXنى مەجبۇرى چاقىرتىپ كىلىپ سوراق قىلغاندا گۇماندار ئاX 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا ئاX تىلىفۇن قىلىش ئۈچۈن پەستىكى زالغا چۈشۈپ ساپادا تىلىفۇن قىلىپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئەX بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىن بىللە زالغا چۈشكەن خاX بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغانلىغىنى،خاXغا كۈچى يەتمەي يېنىدىن پىچاقنى ئېلىپ خاXنىڭ قۇسىقىغا تىقىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ شۇنىڭ بىلەن دىلونىڭ پاش بولغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

2-زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ شىكايىتى؛

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاX سوتتا« 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 23:00لار ئەتراپىدا مەن بۇرۇنقى يولدۇشۇم ئەX بىلەن مەكىت ناھىيىلىك قاتناش مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئاچتۇرۇپ كىرىپ بىرنەچچە رۇمكىدىن ھاراق ئىچىشىپ بىردەم مۇڭداشتۇق،يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئانام ماڭا تىلىفۇن قىلىپ قايتىپ كىلىشىمنى ئېيتىپتى،مەن ئۆيگە قايتاي دەپ ماڭسام ئەX مىنى ئۇزۇتۇپ قۇياي دەپ پەسكە چوڭ زالغا بىللە چۈشتى،زالدىكى سافادا مەن تونۇمايدىغان بىر قىز بالا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتىكەن بىزنى كۆرۈپ ئەXغا«كىم بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دىدى،مەن ئەXغا «ئۇ سىنى تونۇمتى؟»دىسەم،ئۇ قىزماڭا«ساڭا گەپ قىلمىدىم ئالدىڭغا قاراپ ماڭ»دەپتى،ئەX ماڭا«بولدى سىنىڭ كارىڭ بولمىسۇن»دىدى،مەن ياتاقتا قول سومكامنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى ماڭساق،ئۇ قىز ئەXغا«نەدىكى قېرى جالاپ بىلەن نەگە ماڭدىڭ؟»دەپ تىللاپتى ئەX ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ«مىنى تونۇمسەن،كىم بىلەن ماڭسام سىنىڭ نىمە كارىڭ»دىدى،مەن ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ مىنى نىمىشقا تىللايسەن دەپ بارسام ئۇ قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ياقامغا ئېسىلدى،مەن ئۇنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ باتەينىڭ ئالدىغىچە سۆرىشىپ قالدۇق،ئەX بىلەن مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى بىزنى ئاجرىتىۋاتقاندا ئۇ قىز قولىنى شىلتىغاندەك قىلدى،مەن ھەرە چاققاندەك بىر ئاغرىقنى سەزدىم لىكىن پىچاق تىققانلىغىنى بىلمەپتىمەن،ئەX بىلەن قايتايلى دەپ مېڭىپ مىھمانخانا چوڭ زالنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرسەم قۇسۇقىمدىن قىززىق بىر نەرسە ئاققاندەك قىلدى سىرىتقا چىقىپ چاپىنىمنىڭ ئالدى ئوچۇقتى مايكامغا قارىسام تۆشۈك تۇرىدۇ،كەينىمىزگە يېنىپ ئەX بىلەن چوڭ زالغا كىرىپ 110غا دىلو مەلۇم قىلىۋىتىپ ئاندىن ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ«ماڭا سەن پىچاق تىقتىڭمۇ؟»دىسەم،مەن تىقمىدىم دىدى،كىيىن مەن ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن باشقا ئىشنى ئۇقمايمەن»دەپ شىكايەت قىلدى.

3-گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى:

(1)گۇۋاھچى ئەX سوتتا:«2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 20:30لار ئەتراپىدا تونۇشۇم خاX بىلەن كۆرۈشۈپ ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى خوگوخانىدا ھاراق ئىچىشتۇق،ئىككىمىز بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى ئىچىپ ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 11:00لار ئەتراپىدا سورۇندىن چىقىپ مەكىت ناھىيىلىك قاتناش مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئاچتۇرۇپ كىرىپ بىردەم مۇڭداشتۇق،بىردەمدىن كىيىن خاXنىڭ ئانىسى تىلىفۇن قىلىپ قايتىپ كىلىشىنى ئېيتىپتى،خانقىز ئۆيگە قايتاي دەپ مېڭىپتى مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قۇياي دەپ مىھمانخانىنىڭ پەستىكى زالغا بىللە چۈشتۈم،قارىسام زالدىكى سافادا مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان لىكىن ئۆزىنى تونۇيدىغان بىر قىز ئولتۇرىدىكەن، ئۇ قىز مىنى كۆرۈپ «ئەمەر لاق ئوخشىمامدۇ؟» دەپتى،مەن كىمدۇ دەپ يېنىغا بېرىپ قاراپ،سەنمىدىڭ؟دەپ تۇرۇشىمغا خاX مېڭىڭ دەپ چاپىنىمنى تارتىپ تۇرۇپ ھېلىقى قىزغا«كىتىپ بارغان ئادەمنى نىمىشقا تولايسەن »دەپتى،سافادا ئولتۇرغان قىز ئۇنى«نىمە دەيسەن قېرى جالاپ»دەپ تىللىدى ئىككىسى تىللىشىپ چاچلىشىپ كەتتى،شۇ يەردە ئولتۇرغان قوغداش خادىمى بىلەن ئىككىمىز ئۇلارنى ئاجرىتىپ مەن خانقىزنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە خاX قۇسۇقىمغا پىچاق تىقىۋىتىپتۇ دەپ قۇسىقىنى ئېچىپتى،قارىسام قۇسىقىدىن قان چىققىلى تۇرۇپتۇ،خاX يەنە كەينىگە يېنىپ ھېلىقى قىز بالا بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى،بىز ئۇلارنى ئاجرىتىپ مىھمانخانا خادىمى بىلەن ئىككىمىز خانقىزنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق،شۇ چاغدا ئۇ ئىككىسى تىزلا تۇتۇشۇپ كەتكەچكە خانقىزغا پىچاق تىقىۋەتكەنلىكىنى كۆرمەپتىمەن »دەپ گۇۋاھلىق بەردى.

(2)گۇۋاھچى قۇX سوتتا: «2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 23:00لار ئەتراپىدا مەن قاتناش مىھمانخانىسىنىڭ زالىدىكى سافادا يېتىپ مۈگدەپ ياتىتىم ،مىنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى سافادا بىر قىز بالا تىلىفۇندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان،ئۈستۈنكى قەۋەتتىن بىر قىزبىلەن بىرئەر كىشى چۈشتى،ئۇ ئەركىشى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان قىز بالىنىڭ ئىڭىكىدىن ئىتتىرىپ،يۈزىنى ئەركىلىتىپ«جالاپ نىمىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپتى،ئولتۇرغان قىز«يېنىڭدا ئادەم بولغاندىن كىيىن يولۇڭغا ماڭە بىر»دەپتى،ئۇ ئەركىشى ئۇ قىزنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ«سېسىق جالاپ»دەپ تىللىدى،ئۇ قىز بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئەر كىشىنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتەردى،ئۇ ئەركىشى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىن بىللە چۈشكەن قىز بالا ئاغزىنى بۇزۇپ سافادا ئولتۇرغان قىزنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ،چاچلىشىپ بوغۇشۇپ باتەينىڭ ئالدىغا بارغاندا،مىنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى سافادا ئولتۇرغان قىز بالا ئىشتىنىنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر پىچاقنى ئېلىپ يەنە بىر قىزنىڭ قورساق قىسمىغا تىقىۋەتتى،مەن ھېلىقى ئەر كىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتتۇق،جىدەل بەك تىز بولۇپ كەتكەچكە ئۇلارنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىدىم،زەخمىلەنگۈچى قىز بىلەن ھېلىقى ئەر كىشى بىللە سىرىتقا چىقىپ كىتىپ بىرقانچە مىنۇتتىن كىيىن يەنە قايتىپ كىرىپ ئۇ ئىككى قىز يەنە لىفىتنىڭ ئىچىدە تۇتۇشۇپ قاپتى،بىز دىلو مەلۇم قىلدۇق،ھېلىقى ئەر بىلەن بىزنىڭ خۇجايىن پىچاق يىگەن قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى»دەپ گۇۋاھلىق بەردى.

(3)گۇۋاھچى ۋۇXنىڭ مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىكى خادىملارغا بەرگەن گۇۋاھلىق خاتىرە سۆزىدە:«2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كىچە تەخمىنەن 12لەر ئەتراپىدا بىر ئۇيغۇر قىز مىھمانخانا چوڭ زالىدىدىكى سافادا قول تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇراتتى، بىر قىز ساپانىڭ كەينىدە تۇرىتى،بىر ئەركىشى قول تىلىفۇندا سۆزلىشىۋاتاتتى،كىيىن ئۇ ئەر بىلەن يېنىدىكى قىز بىللە مېڭىپتى،ساپادا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرغان قىز ئۇ ئەرگە بىرنىمە دەپتى،ئۇ ئەر كىلىپ ئۇ قىزنى بىرنىمە دەپ بېشىغا تۈكۈردى،شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالدى،ئۇ ئەر بىلەن يېنىدىكى قىز بىرلىكتە تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرغان قىزنى ئۇردى،شۇ ئەسنادا ئامانلىق قوغدىغۇچى ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتتى، زەخمىلەنگۈچى قىز بىلەن ھېلىقى ئەر كىشى بىللە سىرىتقا چىقىپ كىتىپ بىرقانچە مىنۇتتىن كىيىن يەنە قايتىپ كىردى قارىسام ئۇ قىزنىڭ قولى قان يۇقى تۇرىدۇ،ئۇ كىلىپ كىيىمىنى قايرىپ بايىقى قىز بالا ماڭا پىچاق تىقىۋىتىپتۇ دىدى قارىسام ئۇنىڭ قورسىقىدىن قان چىققىلى تۇرۇپتۇ،تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرغان قىز ئۈستۈنكى قەۋەتتىن لىفىتتىن چۈشۈپتى ئۇ ئىككى قىز يەنە لىفىتنىڭ ئىچىدە تۇتۇشۇپ قالدى،بىز دىلو مەلۇم قىلدۇق،ھېلىقى ئەر بىلەن بىزنىڭ خۇجايىن پىچاق يىگەن قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى،مەن پىچاق تىقىۋەتكەن جەرياننى كۆرمىدىم»دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

4-جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى:

جاۋاپكار ئاX سوتتا«2015-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتە مەن قەشقەرلىك دوستۇم گۇX بىلەن مەكىت ناھىيە قاتناش مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئېلىپ ئىككىمىز يېرىم جىڭدىن ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەن،شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا مەن تىلىفۇن قىلىش ئۈچۈن پەستىكى زالغا چۈشۈپ ساپادا تىلىفۇن ئويناپ ئولتۇرسام خاX(ئەينى چاغدا ئۇنى تۇنىمايتىم) بىلەن ئەX ئىككىسى ئۈستۈنكى قەۋەتتىن زالغا چۈشتى، ئەX مىنى كۆرۈپ«بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن،قاچان كەلدىڭ؟»دەپتى،مەن ئۇنىڭغا«يېنىڭدا ئادەم بولغاندىكىن،يولۇڭغا ماڭە بىر»دىسەم،ئەX مىنى تىللاپ يۈزۈمگە تۈكۈردى،مەن ئۇنىڭغا تۈكۈرمەي گەپ قىل دەپ مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەتتىم، ئارقىدىنلاخاX ئالدىمغا كىلىپ «گەپ قىلمامسەن؟» دەپ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى سەتلەپ تىللىشىپ،ئۆز-ئارا ياقا سىقىشىپ، چاچلىشىپ،سۆرىشىپ مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالدۇق،مىنىڭ ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمەي دوستۇم گۈXنىڭ نەرسە-كىرەكلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ ئىشتىنىمنىڭ كەينى بەل قىسمىمغا قىستۇرۇۋالغان 15سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاق بىسلىق،قىزىل ياغاچ دەستىلىك پىچاقنى چىقىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ قۇرساق قىسمىغا بىرنى تىقتىم،مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى قۇX بىلەن ئەX كىلىپ بىزنى ئاجرىتىۋەتتى،خاX بىلەن ئەX بىللە سىرىتقا چىقىپ كىتىپ بىرقانچە مىنۇتتىن كىيىن يەنە قايتىپ كىرىپ،خاX مىنىڭ ئالدىمغا كىلىپ«سەن ماڭا پىچاق تىقىۋىتىپسەن»دەپ ياقامغا ئېسىلىپتى، مىھمانخانا ئامانلىق قوغداش خادىمى كىلىپ بىزنى ئاجرىتىۋىتىپ ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلدى ،ئاندىن ئەX بىلەن مىھمانخانا خوجايىنى خاXنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى،مەن مىھمانخانىدا قالدىم،بىردەمدىن كىيىن ساقچىلار كىلىپ مىنى ئېلىپ كەتتى»دەپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.  

5-باھالاش خۇلاسىسى؛

(1)مەكىت ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىك ئىشخانىسى(2015)075-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى ئادەم تېنى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاشنامىسى.

بۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ زەخمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

دىلودا مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەخ مەيدان خەرىتىسى،نەخ مەيداندىن تارتىلغان فوتۇ سۈرەتلەر بار بۇلۇپ دىلونىڭ ئوبىكتىپ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ. يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار سوتتا بىر -بىرلەپ كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلدى.بۇ دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق ھەم راسىت،شۇڭا دىلونىڭ پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار ئاXنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXغا پىچاق تىقىپ زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىدىن«قەستەن زەخمىلەندۈرۈش» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايەت پاكىتى ۋە خاراكتىرىنى بىكىتىشى توغرا بولغان،جاۋاپكارغا جازا بىرىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى قوللاشقا بولىدۇ.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا 9كۈن بالنىسىتتا يېتىپ داۋالانغاندىكى14254.87يۈەن ،تەكشۈرتۈش ھەققى840يۈەن، تېڭىق ھەققى 300يۈەن، دورا،داكا پۇلى 640يۈەن ،9كۈن جەريانىدا كۈنلىكى 149يۈەندىن ئىشتىن قالغان زىيىنى1341يۈەن ،باققۇچىنىڭ 9كۈنلۈك قاراش ھەققى كۈنلىكى 149يۈەندىن 1341يۈەن ،تاماق ياردەم پۇلى 9كۈندە كۈنلىكى 25يۈەندىن 225يۈەن زىيىنىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا تىگىشلىك،زۈرۈر ئۇزۇقلىنىش ھەققى ئۈچۈن 9كۈندە كۈنلىكى 30يۈەندىن270يۈەن تەلەپ قىلغان بولۇپ سەل يۇقىرى بولۇپ قالغان،بۇنى بەلگۈلىمە بۇيىچە كۈنلىكى20يۈەندىن 180يۈەن بىكىتىشكە تىگىشلىك،قاتناش كىرا بېلىتى تاپشۇرالمىغان بولسىمۇ بىراق قەشقەرگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەنلىكى ئەمىلىيەت بولغاچقا 4قېتىملىق ئاپتۇۋۇز بېلىتى بۇيىچە ھىساپلاپ 164يۈەن بىكىتىشكە تىگىشلىك جەمئى19285.87 يۈەن زىيىنىنى قانۇن بۇيىچە بىكىتىشكە تىگىشلىك. ئاXنىڭ «خاXنىڭ تەلەپ قىلغان زىيىنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بىرىمەن،ئۇنىڭدىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن،مىنى كەچۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن»دىگەن ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ،رەت قىلىشقاتىگىشلىك، لىكىن جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغىنى مۇۋاپىق نەزەرگە ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش،پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقى ۋە باشقا ھۇقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا 2-تارماق،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسى»نىڭ 119-ماددىسى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۈلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى [2003-(20-نۇمۇرلۇق)] نىڭ 17-ماددا1 –تارماق، 19-ماددا، 20-ماددا، 21-ماددا، 23-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىلەرنىڭ رۇھىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1. جاۋاپكار ئاXنىڭ «قەستەن زەخمىلەندۈرۈش» جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 4 يىل 9ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.

((جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ ھىساپلىنىدۇ،ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا،قامالغان بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇلىدۇ يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.)

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXنىڭ داۋالىنىش، تەكشۈرتۈش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، قارىغۇچىسىنىڭ قاراش ھەققى، تاماق راسخۇدى، ئوزۇقلۇق تولۇقلىما پۇلى،قاتناش كىرا زىيىنى بولۇپ ئومۇمى زىيان تۆلىمى19285.87 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جاۋاپكارئاX خاXغا تولۇق تۆلەپ بىرىدۇ.

تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن مۇددەت ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئېتىراز)بەرسە بۇلىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بىرىشتە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ رەسمى نۇسخسىدىن بىر پارچە ۋە كۈچۈرۇلمىسىدىن ئىككى پارچە تاپشۇرۇش كىرەك.

باش سوتچى:گۇلنار نامان

مۇۋەققەت سوتچى:رىزۋانگۇل پەرقات

خەلق زاسىداتىلى:ئەنۋەر ئىنام

2016-يىلى 3-ئاينىڭ17-كۈنى

پۈتۈكچى: قەلبىنۇر ئابباس

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆麦盖提县法院网
关闭窗口
地址:   邮编:  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2