添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3127 ج د 33-نۇمۇرلۇق

2016-05-12 11:33:59


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

   جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

             (2016) ش 3127 ج د 33-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ئەX ،ئەر، ئۇيغۇر، 1992-يىلى 5–ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى رىمۇنىتچى،مەكىت ناھىيەسىدىن،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016–يىلى1-ئاينىڭ 13- كۈنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان.ھازىر مەكىت ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

مەكىت ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار ئەX نى «ئوغورلۇق»جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ 2016-يىلى3 -ئاينىڭ 24-كۈنى م ت ج ئى ئەيىپلەش (2016) چىقىش 22-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز تەكشۈرگەندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ رەسمى سوت قىلىشنى قارار قىلىپ قانۇن بۇيىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇچۇق رەسمى سوت قىلدى.مەكىت ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۈلەپ بەرگەن تەپتىش ئابدۇللا كۆرەش سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكارئەX سوتقا كەلتۈرۈلۈپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇلدى،ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى .

مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى«جاۋاپكار ئەX 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 3:00لەردە زىيانلانغۇچى ئاX بىلەن بىللە مەكىت ناھىيە 1-كومىتىتتىكى مۇقام توي مەرىكە زالىدا توي مەرىكىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا،يول بۇيىغا توختۇتۇپ قويغان كىچىك ماشىنىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان،بۇ ۋاقىتتا جاۋاپكار ئەX زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ موتۇسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ قالغانلىغىنى بايقاپ ئاX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىپ،زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ موتۇسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ 1-كومىتىتتا ئولتۇرۇشلۇق چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا يۇشۇرۇپ قويغان،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئەX ئوغۇرلاپ كەلگەن يۇقارقى موتوسىكىلىت ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىشلىگەن. مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە جاۋاپكار ئەX نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋاپكار قىلمىشىغا ئىقرار. «ئوغۇرلۇق»جىنايىتى بىلەن جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بىرشىڭىزلارنى سورايمىز» دەپ مەھكىمىمزگە ئەيىپلىدى.

جاۋاپكارئەX سوتتا«قانۇن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ ساپتىمەن،قىلمىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم،سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن»دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى .

سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ئەX 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 3:00لەردە زىيانلانغۇچى ئاX بىلەن بىللە مەكىت ناھىيە 1-كومىتىتتىكى مۇقام توي مەرىكە زالىدا توي مەرىكىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا،يول بۇيىغا توختۇتۇپ قويغان دوستى مۇXنىڭ كىچىك ماشىنىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان،بۇ جەريانداجاۋاپكار ئەX زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ موتۇسىكىلىت ئاچقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ قالغانلىغىنى بايقاپ ئاX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىپ،زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ نومۇرى467F7Q 新بولغان،2800يۈەن قىممىتىدىكى «خاۋجۆ» ماركىلىق، 110 تىپلىق قارا رەڭلىك ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ،1-كومىتىتتا ئولتۇرۇشلۇق چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا يۇشۇرۇپ قويغان،كىيىن زىيانلانغۇچى ئاX دىلو مەلۇم قىلىپ ساقچىخانىغا بېرىپ ئەX دىن ئازراق گۇمان قىلىدىغانلىغىنى دىگەندىن كىيىن ساقچىلار ئاXبىلەن بىللە جاۋاپكارنى ئىزلەپ بارغاندا جاۋاپكار ئۆزى ئوغۇرلىغان موتۇسىكىلىتنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىش ئارقىلىق دىلو پاش بولغان، ئوغۇرلانغان موتوسىكىلىت ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن قاتارلىقلار ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار :

1-يازما ئىسپات:

(1)مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى مەھەللە يولى ساقچىخانىسى تەمىنلىگەن جاۋاپكار ئەX نىڭ ياش ئىسپاتى .

بۇ جاۋاپكار ئەX نىڭ 1992 -يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ،

(2)جاۋاپكار ئەX نىڭ ئىجتىمائى سالاھىيەت ئىسپاتى.بۇ جاۋاپكارنىڭ ئىلگىرى تەۋەلىكىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلمىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

(3)مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى.

بۇ ئىسپات،2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 22:00دە مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى بازار يولى ساقچىخانىسىدىن قەمىردىن روزىنىڭ تىلىفۇندا قىلغان« ئەX مۇقام مەرىكە زالىنىڭ ئالدىدا ئاXنىڭ ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ كەتكەندىن كىيىن بىز ئەX نى زاڭ مال بىلەن بىللە قولغا چۈشۈردۇق» دىگەن مەزمۇندىكى دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ساقچىخانىغا بېرىپ تەكشۈرگىنىمىزدە، ئەX ئاX بىلەن بىللە مەكىت ناھىيە 1-كومىتىتتىكى مۇقام توي مەرىكە زالىدا توي مەرىكىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا،يول بۇيىغا توختۇتۇپ قويغان دوستى مۇXنىڭ كىچىك ماشىنىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش جەريانىداجاۋاپكار ئەX زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ موتۇسىكىلىت ئاچقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ قالغانلىغىنى بايقاپ ئاX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاچقۇچنى ئېلىۋېلىپ، ئاXنىڭ «خاۋجۆ» ماركىلىق، 110 تىپلىق قارا رەڭلىك ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ كىتىپ كەچتە ساقچىلارئاXبىلەن بىللە ئۇنى ئىزلەپ بارغاندا ئۆزى ئوغۇرلىغان موتۇسىكىلىتنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپ شۇ ئارقىلىق دىلو پاش بولغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

(4)زىيانلانغۇچىنىڭ بىر پارچە كەچۈرۈمنامىسى.

بۇ زىيانلانغۇچىنىڭ جاۋاپكار بىلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنە ئىكەنلىكىنى،موتۇسىكىلىتىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى شۇڭا قانۇننىڭ ئۇنى كەچۈرۈم قىلىشىنى ياكى كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈتۈنگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2-گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛

گۇۋاھچى مۇXنىڭ مەكىت ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى خادىملارغا بەرگەن گۇۋاھلىق خاتىرە سۆزىدە«ئېنىق ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بىر جۈمە كۈنى تورخانىدا ئولتۇرسام ئاغىنەم مەX بىلەن ئەX تورخانىغا كەپتىكەن،ماڭا بىللە تويغا بارىلى دىدى،مەن ئۇ ئىككىسى بىلەن چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 3:00لەر ئەتراپىدا مۇقام مەرىكە زالىغا تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارساق ئاXمۇ بار ئىكەن،ئارىلىقتا مىنىڭ ماشىنامدا مەن،ئەX ،ئاX،مەX قاتارلىقلار بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، كىيىن بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ زالغا چىقتۇق،بىكار بولۇپ چىقىپ ماشىنىنى بىزەۋاتسام،ماشىنىدا ئەرX بار ئىكەن،ماڭا ئاXنىڭ موتۇسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچى تۇرىدۇ،ئۇنى قىقىتامدۇق دەپتى،مەن ئۇنىڭغا«ئۇنداق قىلما،ئۇ چاخچاق كۆتۈرمەيدۇ»دىگەچ ئىشىمنى قىلىۋەردىم،بىر-ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن توينى يۆتكەپ قۇيۇپ قايتىپ كىلىپ ماشىنامنى رىمۇنىت قىلدۇرىۋاتسام،ئاX ماڭا تىلىفۇن قىلىپ ئەرX قېشىڭدا بارمۇ؟دەپتى،ھازىر يېنىمدىن كەتكەن دىسەم،ئۇ يېنىڭدا بولسا تىلىفۇننى بەر دەپ ئاچچىقلاپ تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى،بولغان ئىش شۇ»دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

3-زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛

زىيانلانغۇچى ئاXنىڭ مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىكى خادىملارغا بەرگەن گۇۋاھلىق خاتىرە سۆزىدە « 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈش تەخمىنەن سائەت 2:00لەر ئەتراپىدا مەن ئاغىنەم ئەX بىلەن بىللە مىنىڭ 467F7Q 新نومۇرلۇق،قارا رەڭلىك، خاۋجۆ ماركىلىق ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتىمغامىنىپ، مەكىت ناھىيە پاختا شىركەت ئۇدۇلىدىكى مۇقام توي مەرىكە زالىغا تويغا باردۇق.موتۇسىكىلىتىمنى مۇقام مەرىكە زالىنىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ تويغا كىردۇق،چۈشتىن كىيىن سائەت 4لەر ئەتراپىدا تويدىن بىكار بولۇپ چىقىپ قارىسام موتۇسىكىلىتىم توختۇتۇغلۇق ئورنىدا يوق تۇرىدۇ،يېنىمغا قارىسام موتۇسىكىلىتىمنىڭ ئاچقۇچىمۇ يوق تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئەXگە موتۇسىكىلىتىم يوق تۇرىدۇ دىسەم گەپ قىلماي تۇردى، ساقچىخانىغا مەلۇم قىلاي دەپ ماڭسام ئەX« ماشىنىغا چىقىڭلار توي تۈگىگەندە تاپىمىز»دەپ تۇرىۋالغانتى،مەن ئۇنىماي ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغىلى كەتتىم،مەن دىلو مەلۇم قىلىپ بولۇپ ئەXنىڭ تويغا كەلگۈچە ماڭا«بۈگۈن بىرسىنىڭ موتۇسىكىلىتىنى سېتىۋېتىمەن»دىگەن گىپى يادىمغا كىلىپ قېلىپ ساقچىلارغا دىسەم،ئۇلار«ئەركىنگە تىلىفۇن قىلىپ باق»دەپتى،مەن ئەXگە تىلىفۇن قىلسام ئالمىدى، باشقا ئاغىنەمگە تىلىفۇن قىلىپ يېنىڭلىدا ئەركىن بولسا تىلىفۇننى ئۇنىڭغا بىرىڭلار دىسەم ئەX تىلىفۇننى ئالغانتى،مەن ئۇنىڭغا«مەن يېڭىبازار ساقچىخانىسىدا،تىلىكامىرانى كۆرسەم، موتۇسىكىلىتىمنى سەن ئېلىپ كىتىپسەن، موتۇسىكىلىتىمنى ئەكىلىپ بەر»دەپ يالغان گەپ قىلسام،ئۇ«سىلە ساقچىخانىدىن چىقىپ كىتىڭلار موتۇسىكىلىتىڭلىنى ھازىر ئەكىلىپ بىرەي» دەپ ساقچىخانىغا موتۇسىكىلىتنى ئەكىلىپ بەردى، ئەسلى توي ئارىلىغىدا بىز ئاX بىلەن مەرىكە زالىنىڭ ئالدىغا چىقىپ شۇ يەردە توختۇتۇپ قۇيۇلغان مۇXنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ بىردەم بىللە ئولتۇرغان ئىدۇق،ئولتۇرغان يەردە موتۇسىكىلىتىمنىڭ ئاچقۇچى يانچۇقۇمدىن يېنىپ قالغان بولسا شۇ چاغدا ئېلىۋالغانمىكىن بىلمىدىم»دەپ بايان قىلغان.

4- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى :

جاۋاپكارئەX سوتتا«2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاختى تەخمىنەن سائەت 3:00لەر ئەتراپىدا مەن ئاغىنەم ئاX بىلەن بىللە ئۇنىڭ موتۇسىكىلىتىنىڭ كەينىگە مىنىپ مەكىت ناھىيە پاختا شىركەت ئۇدۇلىدىكى مۇقام توي مەرىكە زالىغا تويغا بېرىپ ئاXنىڭ موتۇسىكىلىتىنى مۇقام مەرىكە زالىنىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ تويغا كىردۇق،ئارىلىقتا ئاX بىلەن مەرىكە زالىنىڭ ئالدىغا چىقىپ شۇ يەردە توختۇتۇپ قۇيۇلغان مۇXنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئاX ۋە بىرنەچچەيلەن بىردەم بىللە ئولتۇردۇق، بىردەمدىن كىيىن ئاX ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى،قارىسام ئۇ ئولتۇرغان يەردە ئۇنىڭ موتۇسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچى تۇرىدۇ،مەن ئاچقۇچنى يانچۇقۇمغا سېلىپ تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن بۇ ئاچقۇچ بىلەن ئاXنىڭ خاۋجۆ ماركىلىق 110تىپلىق،قارا رەڭلىك ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇرۇپ ئوغۇرلاپ مىنىپ 1-كومىتىتتىكى چوڭ ئانام تXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قۇيۇپ كىيىن يەنە تويغا باردىم،ئاX ماڭا موتۇسىكىلىتىنىڭ يوقلىقىنى دەپتى مەن گەپ قىلمىدىم، تىلىفۇنۇمنى جۈمە ئۇقۇغىلى كىرگەندەتىترەش ھالىتىگە توغرىلاپ قۇيۇپ ئاۋازىنى ئېچىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا كىيىن ئاX تىلىفۇن قىپتىكەن ئاڭلىماپتىمەن،كىيىن يەنە تىلىفۇن قىپتىكەن،تىلىفۇننى ئالسام ئۇ ماڭا «موتۇسىكىلىتىمنى سەن ئوغۇرلاپسەن، تىلىكامىراغا چۈشۈپ قاپسەن» دەپتى، مەن ئۇنىڭغا«مۇقام مەرىكە زالىنىڭ ئالدىغا كىلىڭلار»دىسەم ساقچىلارنى باشلاپ بېرىپتۇ،مەن ئۇلار بىلەن بىللە چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئوغۇرلىغان موتۇسىكىلىتنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم»دەپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

5-باھالاش خۇلاسىسى :

مەكىت ناھىيىلىك باھا ئىتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ 2015-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى.

بۇ جاۋاپكار ئەX نىڭ ئوغۇرلىغان بىر دانە «خاۋجۆ» ماركىلىق قارا رەڭلىك 110 تىپلىق ئىككى چاقىلىق موتۇسىكىلىتنىڭ قىممىتىنى 2800 يۇەن باھالاپ بىكىتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

6-ئىنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى:

دىلودا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، خەرىتىسى ، نەخ مەيداندىن تارتىلغان فۇتۇ سۈرەتلەر بار بۇلۇپ دىلو نىڭ ئوبىكتىپ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ. يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلار سوتتا بىر- بىرلەپ كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلدى . بۇ دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق ھەم راسىت ،شۇڭا دىلونىڭ پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى:جاۋاپكار ئەX نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي،قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال- مۈلۈكى(موتۇسىكىلىتى) نى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «ئوغۇرلۇق» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدىكى جىنايەت پاكىتلىرى ۋە جازا بىرىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى مەھكىمىمىز قوللايدۇ. جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە زىيانلانغۇچىنىڭ كەچۈرۈمىگە ئىرىشكەنلىكىنى ۋە زاڭ مالنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى مۇۋاپىق نەزەرگە ئېلىشقا تىگىشلىك،شۇڭا جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش،پۇخرالارنىڭ مال مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگۈلمىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئەX نىڭ«ئوغۇرلۇق»جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 6ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.قۇشۇمچە 1000يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ ھىساپلىنىدۇ.ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

(جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2015-يىلى12-ئاينىڭ 19-كۈنى باشلىنىپ 2016-يىلى6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.)

ئەگەر تەرەپلەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن مۇددەت ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇراخەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز(ئىتىراز) بەرسە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرىز بەرگەندە نارازىلىق ئەرىز خىتىنىڭ رەسمى نۇسخىسىدىن بىر پارچە كۆپەيتىلمىسىدىن 2 پارچە تاپشۇرۇشى كىرەك.

    

سوتچى :گۈلنار نامان

2016-يىل4-ئاينىڭ6–كۈنى

پۈتكۈچى: ئادىل ئابدۇرىيىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆麦盖提县法院网
关闭窗口
地址:   邮编:  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2