(2016 ) ش 3127 ج د 37-نۇمۇرلۇق 2016-05-12 11:52:01
شىنجاڭ
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
مەكىت
ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىنايى
ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
(2016
) ش
3127 ج د 37-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلىگۈچى ئورگان:مەكىت
ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
جاۋاپكار بەX، 1977-يىل3–ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان،ئەر، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ
مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى شوپۇر،يەكەن ناھىيەسىدىن،2009-يىلى 10-ئاينىڭ
29-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن
مۇددەتلىك 3يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى جازا مۇددىتى
توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن.بۇ قېتىم «ئوغۇرلۇق»،«ئالدامچىلىق» جىنايىتى بىلەن 2016-يىلى
2-ئاينىڭ 10-كۈنى مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ 2016–يىلى2-ئاينىڭ
20-كۈنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيىچە
قولغا ئېلىنغان.ھازىر مەكىت ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.
مەكىت ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار بەXنى «ئوغۇرلۇق»،«ئالدامچىلىق»جىنايىتى
سادىر قىلدى دەپ 2016-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۈنى م
ت ج ئى ئەيىپلەش (2016)چىقىش 35-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق
مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.مەھكىمىمىز تەكشۈرگەندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت
ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ رەسمى سوت قىلىشنى قارار قىلىپ،قانۇن بۇيىچە ئادەتتىكى
تەرتىپ قوللۇنۇپ 2016-يىلى4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچۇق رەسمى سوت قىلدى . مەكىت
ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۈلىگەن تەپتىش ئابدۇللا كۈرەش،ئامىنە
ئاتاۋۇللالار سوتقا چىقىپ ئەيىپلىدى ۋە ئەيىپلەشنى قوللىدى.گۇۋاھچى گۈX سوتقا
كىلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى،جاۋاپكار بەX سوتقا كەلتۈرۈلۈپ دەۋاغا قاتناشتۇرۇلدى،ھازىر
بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى .
مەكىت ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى «جاۋاپكاربەX 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00لەر ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش
مەخسىدىدە مەكىت ناھىيە يانتاق يېزا ئىتتىپاق كەنت بازىرىغا كىلىپ بازارنىڭ ئىشەك
باغلايدىغان ئورۇنغا باغلاپ قويغان زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ 8850يۈەنلىك بىر
تۇياق قارا رەڭ مىدە ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن،دىلو پاش
بولغاندىن كىيىن يۇقارقى ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.
2-قېتىم 2016-يىلى
3-ئاينىڭ 7-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغا
دىلونى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسەن،جاۋاپكار بەX 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
يەكەن ناھىيە ئىشقۇل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى گۈXدىن يولدىشىنى تۈرمىدىن
ئېچىقىپ بىرىمەن دەپ 20000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،ئالداپ ئېلىۋالغان
20000يۈەن پۇلنى قىمار ئويناپ تۈگەتكەن ،بۇ 20000يۈەن پۇلدىن 4500يۈەننى جاۋاپكار بەX ئايالى پاX ئارقىلىق زىيانلانغۇچى گۈXگە قايتۇرغان قالغان
15500يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن قاتارلىق قىلمىشلارنى
ئىشلىگەن.جاۋاپكار بەXنىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى
ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا، 266 -ماددا،65
-ماددىسىدىكى جىنايەت شەكللىنىدۇ،بەXنىڭ قىلمىشىدىن «ئوغۇرلۇق»،«ئالدامچىلىق»
جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق جاۋاپكار بەXنىڭ جىنايى
جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز»دەپ
مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.
جاۋاپكاربەX سوتتا«مەدىنىيەت سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن،بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ
ساپتىمەن، قىلمىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم،سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ
قىلىشىنى سورايمەن»دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
سوت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنقلىشىمىزچە:جاۋاپكاربەX 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00لەر
ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىدىدە مەكىت ناھىيە يانتاق يېزا
ئىتتىپاق كەنت بازىرىغا كىلىپ بازارنىڭ ئىشەك باغلايدىغان ئورۇنغا باغلاپ قويغان
زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ 8850يۈەنلىك بىر تۇياق قارا رەڭ مىدە ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسىنى باغلاقتىن
يىشىپ ئوغۇرلاپ ئۆزى ھارۋىغا چىقىپ ئىشەكنى يانتاق يېزىسى تەرەپكە ھەيدەپ ماڭغاندا
ئىشەك بىر ئاچالغا كەلگەندە ئۆزى يۈگۇڭ كەنت تەرەپتىكى بىر كىچىك ماي يولغا قاراپ
ماڭغان،شۇ تەرەپكە ھەيدەپ تەخمىنەن 50مىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن ئىگىسى كىلىپ قالارمىكى
دەپ قورقۇپ ماي يولدىن ئېتىزلىق تەرەپكە 100مىتىرچە ھەيدەپ ئاپىرىپ ئىشەكنىڭ
بوينىدىكى ئارغامچا بىلەن ئىشەكنىڭ ئالدى ئىككى پۇتىنى ماڭالمايدىغان قىلىپ باغلاپ
قۇيۇپ نېرىقى دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ،كەچ كىرگەندە سېرىقبۇيا بازىرىغا ئاپىرىپ
سېتىۋىتىش مەخسىدىدە شۇ يەردە مۈكۈنۈپ تۇرغاندا ئىشەكنىڭ ئىگىسى ئىز-ئىزلاپ كىلىپ
جاۋاپكارنى دۆڭنىڭ كەينىدىن يۇشۇرىنىۋالغان يېرىدىن زاڭ مال بىلەن بىرلىكتە
تۇتىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن يۇقارقى ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسى ئەينەن
ئەسلىگە كەلگەن.
2-قېتىم جاۋاپكار بەX 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
يەكەن ناھىيە ئىشقۇل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى گۈXنىڭ يولدىشىنى تۈرمىدىن
ئېچىقىپ بىرىمەن دەپ ئۇنىڭ 20000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،ئالداپ ئېلىۋالغان
20000يۈەن پۇلنى قىمار ئويناپ تۈگەتكەن ،بۇ 20000يۈەن پۇلدىن 4500يۈەننى جاۋاپكار بەX ئايالى پاX ئارقىلىق زىيانلانغۇچى گۈXگە قايتۇرغان قالغان
15500يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن قاتارلىق قىلمىشلارنى
ئىشلىگەن.
يۇقارقى
پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل -ئىسپاتلار
:
1-يازما ئىسپات:
(1)يەكەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىخانىسى تەمىنلىگەن جاۋاپكار بەXنىڭ ياش
ئىسپاتى. بۇ جاۋاپكاربەXنىڭ1977-يىلى
3–ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغانلىغىنى، جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا توشقانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
(2) يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت
مەھكىمىسىنىڭ (2009)272-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى. بۇ جاۋاپكار بەXنىڭ 2009-يىلى
10-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق
جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
(3)قەشقەر تۈرمىسىنىڭ بىر
پارچە قۇيۇپ بىرىش ئىسپاتى.
بۇ جاۋاپكار بەXنىڭ 2012-يىلى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
(4) مەكىت ناھىيىلىك ج خ
ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى
توغرىسىدىكى ئىسپاتى.
بۇ ئىسپات،2016-يىلى 2-ئاينىڭ
10-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:20مىنۇت ئۆتكەندە مەكىت ناھىيە يانتاق
ساقچىخانىسىنىڭ سىياسى يىتەكچىسى ئالىم مۇسانىڭ تىلىفۇندا:تەۋەلىكىمىز يانتاق يېزا
ئىتتىپاق كەنت چارشەنبە بازاردا بىر پارچە ئوغۇرلۇق دىلوسى يۈز بىرىپ،بىر تۇياق
ئىشەك ۋە ئىشەك ھارۋىسى ئوغۇرلىنىپتۇ،ئوغرىنى زىيانلانغۇچى زاڭ مال بىلەن
تۇتىۋاپتۇ،كىلىپ تەكشۈرۈپ باقساڭلار دىگەن دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن نەخ مەيدانغا
بېرىپ،جىنايەت گۇماندارى بەXنى سوراق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىش
جەريانىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ زاڭ مالنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق دىلونىڭ پاش بولغانلىقىنى
ئىسپاتلايدۇ.
(5) مەكىت ناھىيىلىك ج خ
ئىدارىسىنىڭ قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملكى.
بۇ،زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ ئوغۇرلانغان
قارا رەڭلىك مىدە ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسىنى ساق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى
ئىسپاتلايدۇ.
(6) زىيانلانغۇچى گۈXنىڭ پۇل
تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى.
بۇ
ئۇنىڭ ئالداپ ئېلىۋېلىنغان 20000يۈەن پۇلغا قارىتاجاۋاپكار ئائىلىسىدىن 4500يۈەن
پۇل تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2-زىيانلانغۇچىنىڭ
بايانى:
(1)زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرىغا بەرگەن
گۇۋاھلىق خاتىرە سۆزىدە « 2016-يىلى
2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 12:00دە مەن مەكىت ناھىيە يانتاق يېزىسىنىڭ
چارشەنبە بازىرى (ئىتتىپاق كەنت بازىرى)غابېرىپ،ئۆزەمنىڭ بىر تۇياق قارا رەڭلىك
مىدە ئىشىكىمنى ئۈستىگە كۆرپە تاشلاغلىق ياغاچ ھارۋا بىلەن بىللە ئىشەك باغلايدىغان
ئورۇنغا باغلاپ قۇيۇپ بازارغا كىرىپ بىر يېرىم سائەتلەردىن كىيىن بازاردىن يېنىپ
كەلسەم ئىشەك ۋەئىشەك ھارۋام باغلاپ قويغان ئورۇندا يوق تۇرىدۇ،مەن دەرھال
ئاۋانگىرات،ئىتتىپاق كەنتكە بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ ئارقىدىن 110غا تىلىفۇن قىلىپ
دىلو مەلۇم قىلىۋىتىپ ئىشىكىمنى ئۆزەم ئىزدەپ باقاي دەپ ئىتتىپاق كەنت يىزا
ئىگىلىك بازىرىنىڭ كەينىدىكى توپا يول بىلەن دەرۋازا توغراق كەنتىگە قاراپ ماڭسام
ئىشىكىم ھارۋا بىلەن بىر ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلاغلىق تۇرىدۇ،قارىسام
ئىشەكنىڭ ئالدى ئىككى پۇتىنى ئۆزىنىڭ تانىسى بىلەن باغلاپ قۇيۇپتۇ،مەن ئىشەكنىڭ
يېنىغا بارماي شۇ ئەتراپتىكى ئاياغ ئىزىغا ئاساسەن ئىز بويلاپ بېرىپ 300مىتىر
يىراقلىقتا دۆڭنىڭ كەينىگە يۇشۇرىنىۋالغان ئوغرىنى تۇتىۋالدىم»دەپ بايان قىلغان.
(2)زىيانلانغۇچى گۈX سوتتا«2015-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا
يولدۇشۇمنى تۇيۇقسىز ساقچىلار تۇتۇپ كىتىپ شۇنىڭدىن كىيىن چىقمىغان.بۇ يىل يەنى
2016-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا تاغامنىڭ ئوغلى بەX بىزنىڭ
ئۆيگە كەپتىكەن،يولدۇشۇمنىڭ گېپىنى قىلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇ ماڭا«مىنىڭ ساقچى
تونۇشۇم بار،يولدىشىڭىزنىڭ ھىچقانچە قىلمىشى يوق ئىكەن،يول مېڭىپ ئېلىپ چىققىلى
بولىدىكەن 38مىڭ يۈەن تەييارلاڭ دىدى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكام ئاX بىلەن ئۆتنە-يېرىم
قىلىپ يۈرۈپ 20000يۈەن تەييارلاپ بەXغا بەرگەن،كىيىن بەXنىڭ ئايالى پاX ئارقىلىق 4500يۈەننى قايتۇرۇپ ئالدىم قالغان 15500يۈەننى تېخى
بەرمىدى»دەپ بايان قىلدى.
3-جاۋاپكارنىڭ
ئىقرارى:
جاۋاپكاربەX سوتتا«2016-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
مەن يەكەن ناھىيە ئىشقۇل يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە سىڭلىم گۈXنىڭ يولدىشىنى تۈرمىدىن
ئېچىقىپ بىرىمەن دەپ ئۇنىڭ 20000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ ئۆزەم ئىشلىتىپ
كەتتىم،كىيىن بۇ 20000يۈەن پۇلدىن 4500يۈەننى ئايالىم پاX ئارقىلىق گۈXگە قايتۇردۇم،قالدى قىسمىنى قايتۇرالمىدىم.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ
10-كۈنى ئۆزەم يالغۇز مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزا ئىتتىپاق كەنت چارشەنبە
بازىرىغا ئىشلىگىلى كىلىپ ئىش تاپالماي ئوغۇرلۇق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ ئۈرۈمچى
ۋاختى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00لەر ئەتراپىدا ئىتتىپاق كەنت بازىرىنىڭ ئىشەك
باغلايدىغان ئورۇنغا باغلاپ قويۇلغان بىر تۇياق قارا رەڭلىك مىدە ئىشەك بىلەن
ئىشەك ھارۋىسىنى باغلاقتىن يىشىپ ئوغۇرلاپ ئۆزەم ھارۋىغا چىقىپ ئىشەكنى يانتاق
يېزىسى تەرەپكە ھەيدەپ ماڭسام ئىشەك بىر ئاچالغا كەلگەندە ئۆزى يۈگۇڭ كەنت
تەرەپتىكى بىر كىچىك ماي يولغا قاراپ ماڭدى،شۇ تەرەپكە ھەيدەپ تەخمىنەن 50مىتىرچە
ماڭغاندىن كىيىن ئىگىسى كىلىپ قالارمىكى دەپ قورقۇپ ماي يولدىن ئېتىزلىق تەرەپكە
100مىتىرچە ھەيدەپ ئاپىرىپ ئىشەكنىڭ بوينىدىكى ئارغامچا بىلەن ئىشەكنىڭ ئالدى
ئىككى پۇتىنى ماڭالمايدىغان قىلىپ باغلاپ قۇيۇپ نېرىقى دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ،كەچ
كىرگەندە ئاپىرىپ سېرىقبۇيا بازىرىدا سېتىۋىتەي دەپ ئويلاپ شۇ يەردە مۈكۈنۈپ
تۇرسام ئىشەكنىڭ ئىگىسى كەينىمدىن ئىز-قوغلاپ كىلىپ مىنى دۆڭنىڭ كەينىگە
يۇشۇرىنىۋالغان يېرىمدىن زاڭ مال بىلەن بىرلىكتە تۇتىۋالدى»دەپ ئۆزىنىڭ
جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.
4-باھالاش پىكىرى:
مەكىت ناھىيىلىك باھا ئىتىراپ قىلىش مەركىزىنىڭ باھالاش
يەكۈنىدە جاۋاپكار بەX ئوغۇرلىغان بىر دانە قارارەڭلىك مىدە ئىشەك بىلەن ئىشەك ھارۋىسىنىڭ
ھازىرقى بازار باھاسىنى 8850يۈەن دەپ باھالىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.
5-ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى:
دىلودا ناھىيىلىك ج خ
ئىدارىسىنىڭ نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەخ مەيدان خەرىتىسى،نەخ
مەيداندىن تارتىلغان فۇتۇ سۈرەت،ئوغۇرلانغان زاڭ مالئىشەك ۋە ئىشەك ھارۋىنىڭ
سۈرىتى بار بۇلۇپ دىلونىڭ ئوبىكتىپ
ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ. يۇقارقى دەلىل -ئىسپاتلار سوتتا بىر- بىرلەپ كۆرسۈتۈش
ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلدى.بۇ دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق ھەم
راسىت،شۇڭا دىلونىڭ پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىندى.
مەھكىمىمىز
مۇنداق قارىدى:جاۋاپكار بەXنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي،قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ
كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىۋالغان قىلمىشىدىن «ئوغۇرلۇق»جىنايىتى
شەكىللىنىدۇ،قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىدىدە،باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ
ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «ئالدامچىلىق» جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.جاۋاپكار بەX بۇندىن
ئىلگىرىمۇ «ئوغۇرلۇق»جىنايىتى بىلەن بىرقېتىم جىنايى جازاغا تارتىلغان تۇرۇقلۇق،
بۇ قېتىم يەنە جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلىپ 3يىلغا توشۇپ 5يىلغا توشمىغان
ۋاقىت ئىچىدە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن
يۇقۇرى جازا بىرىلىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن قىلمىشىدىن تەكرارجىنايەت شەكىللىنىدۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدىكى
جىنايەت پاكىتلىرى ۋە جىنايەتكە قارىتا جازا بېرىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى مەھكىمىمىز
قوللايدۇ.جاۋاپكاربەXنىڭ ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ،رەت
قىلىشقا تىگىشلىك. جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە زىياننىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىگە
كەلگەنلىكى ۋە سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغىنى قىسمەن نەزەرگە
ئېلىشقا بولىدۇ.شۇڭا جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش،جامائەت
ۋە پۇقرالارنىڭ مال- مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە باشقا
ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق
جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 264-ماددا،65 -ماددا، 69-ماددىسىدىكى
بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم
قىلىندى.
جاۋاپكاربەXنىڭ«ئالدامچىلىق»جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 2يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. قۇشۇمچە 5000 يۈەن
جەرىمانە قويۇلدى.«ئوغۇرلۇق»جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىل 4ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. قۇشۇمچە 2000يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. قۇشۇپ جازالاپ مۇددەتلىك 3يىللىق قاماق
جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، قۇشۇمچە 7000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
(جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن
باشلىنىپ ھىساپلىنىدۇ،ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان
بولسا،قامالغان بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇلىدۇ يەنى جاۋاپكارنىڭ
جازا مۇددىتى 2016-يىلى2-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىپ2019-يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.) جەرىمانە پۇلىنى
ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە تاپشۇرىدۇ.
ئەگەر تەرەپلەر بۇھۆكۈمگە قايىل بولمىسا
ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن مۇددەت ئىچىدە
مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇراخەلق سوت مەھكىمىسىگە
نارازلىق ئەرىز(ئىتىراز) بەرسە بولىدۇ.يازما نارازلىق ئەرىز بەرگەندە نارازىلىق
ئەرىز خېتىنىڭ رەسمى نۇسخىسىدىن بىر پارچە كۆپەيتىلمىسىدىن 2 پارچە تاپشۇرۇش
كىرەك.
باش سوتچى:گۇلنار نامان
سوتچى:رىزۋانگۇل
پەرقات
خەلق زاسىداتىلى:ئەنۋەر
ئىنام
2016 -يىلى5-ئاينىڭ 4–كۈنى
پۈتكۈچى:قەلبىنۇر
ئابباس
|